باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>ئىككىنچى قۇر
نۇربەكرى
2007- 04- 13 14:51 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى )

       نۇر بەكرى، ئەر ، ئۇيغۇر 1961- يىلى8- ئايدا تۇغۇلغان، بورتالا شەھىرىدىن، 1982 - يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1983- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسەت، نەزەرىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      1978- يىلى11- ئايدىن 1983- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتى سىياسەت، نەزىرىيە كەسپىدە ئوقۇغان. 1983- يىلى 8- ئايدىن 1984- يىلى11- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1984- يىلى11- ئايدىن 1989- يىلى 1- ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، (بۇ مەزگىلدە: 1985- يىلى3- ئايدىن7- ئايغىچە شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپرانتلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1989-يىلى1- ئايدىن 1992- يىلى 1- ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، (1986- يىلى9- ئايدىن1989-يىلى7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلىق سىنىپىنىڭ سىياسەت، نەزىرىيە كەسپىدە ئوقۇغان). 1992- يىلى1- ئايدىن 6- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1992- يىلى 6- ئايدىن 1993- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم دائىمى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1993- يىلى9- ئايدىن 1995- يىلى 4- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى بولغان، (بۇ مەزگىلدە: 1994- يىلى5- ئايدىن11- ئايغىچە شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ فېيچىڭ شەھىرىدە ۋەزىپە بىلەن مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان). 1995- يىلى 4- ئايدىن 1996- يىلى3- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان. 1996- يىلى 3- ئايدىن 1998- يىلى2- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان. 1998- يىلى 2- ئايدىن 3- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان. 1998- يىلى 3- ئايدىن 2000- يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان. 2000- يىلى 12- ئايدىن2001- يىلى1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2001- يىلى1- ئايدىن 2003- يىلى 4- ئايغىچە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2003 - يىلى 4- ئايدىن 2005- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسى- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2005- يىلى1- ئايدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ھازىر ئۇ ج ك پ 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولدى .

 

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ