|
(تەڭرىتاغ تورى )

نې ۋېيگو، ئەر، خەنزۇ، 1952- يىلى 8- ئايدا چۇڭچىڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1978- يىلى 6- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن. 1969- يىلى 1- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1969- يىلى 1- ئايدىن 1971- يىلى 4- ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۈەن ناھىيىسىدە قايتا تەربىيە ئالغان. 1971- يىلى 4- ئايدىن 1972- يىلى 5- ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۈەن ناھىيىسىدىكى ئازۇتلۇق ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولغان. 1972- يىلى 5- ئايدىن 1975- يىلى 10- ئايغىچە، چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنسازلىق فاكولتىتىنىڭ ماشىنىسازلىق ئەسلىھەلىرى شۇنداقلا ھۆنەر- سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان. 1975- يىلى 10- ئايدىن 1983- يىلى 4- ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۈەن ناھىيىسىدىكى فوسفورلۇق ئوغۇت زاۋۇتىدا تېخنىك، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋە بۆلۈم باشلىقى ھەمدە زاۋۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، زاۋۇت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، زاۋۇت باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى بولغان. 1983- يىلى 4- ئايدىن 7- ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىسى نەنچۈەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى؛ 1983- يىلى 7- ئايدىن 1987- يىلى 8- ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى فۇلىڭ ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى؛ 1987- يىلى 8- ئايدىن 1994- يىلى 7- ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىسى فۇلىڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان. (بۇ مەزگىلدە 1993- يىلى 9- ئايدىن 1994- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1994- يىلى 7- ئايدىن 1996- يىلى 3- ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى فۇلىڭ ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىيسى بولغان. 1996- يىلى 3- ئايدىن 1997- يىلى 6- ئايغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى فۇلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان. (1993- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 4- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئىشتىن سىرتقى ئاسپىرانتلىق كورسىدا ئوقۇغان). 1997- يىلى 6- ئايدىن 1998- يىلى 5- ئايغىچە چۇڭچىڭ شەھىرى فۇلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى؛ 1998- يىلى 5- ئايدىن 2000- يىلى 1- ئايغىچە، چۇڭچىڭ شەھىرى فۇلىڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، فۇلىڭ رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. 2000- يىلى 1- ئايدىن 7- ئايغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتتىنىڭ ئەزاسى، ۋەنجۇ كۆچمەنلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەنجۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2000- يىلى 7- ئايدىن 2002- يىلى 5- ئايغىچە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋەنجۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2002- يىلى 5- ئايدىن 6- ئايغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋەنجۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2002- يىلى 6- ئايدىن 2005- يىلى 3- ئايغىچە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2005- يىلى 3- ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ، پارتىيە 15- ، 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى.
|