|
(تەڭرىتاغ تورى )

ۋاڭ لېچۈەن، ئەر، خەنزۇ، 1944- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شۇگۇاڭ دېگەن يېرىدىن. 1966- يىلى 3- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1965- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1965- يىلى 9- ئايدىن 1966- يىلى 8- ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى جاۋنەن ناھىيىسىدە "سوتسىيالىستىك قايتا تەربىيە" خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1966- يىلى 8-ئايدىن 1975- يىلى 4- ئايغىچە شەندوڭ ئۆلكىسى شۇگۇاڭ ناھىيىسى خۇجېن بازارلىق گوڭشېنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوڭشې ئىنقىلابىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوڭشې پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەر ئەتراپى گوڭشېسى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1975- يىلى 4- ئايدىن 1978- يىلى 10- ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شۇگۇاڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1978- يىلى 10- ئايدىن 1982- يىلى 3- ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شۇگۇاڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ناھيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1982- يىلى 3- ئايدىن 1986- يىلى 9- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. (بۇ مەزگىلدە1983- يىلى 9- ئايدىن 1986- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1986- يىلى 9- ئايدىن 1988- يىلى 4- ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى لياۋچېڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1988- يىلى 4- ئايدىن 1989- يىلى 3- ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى لياۋچېڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1989- يىلى 3- ئايدىن 1991- يىلى 3- ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1991- يىلى 3- ئايدىن 1992- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1992- يىلى 12- ئايدىن 1994- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1994- يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1995- يىلى 12–ئايدىن 2002- يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى بولغان. يىلى 2002 - يىلى11- ئايدىن 2003 - يىلى 3- ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى بولغان. 2003- يىلى 3- ئايدىن ھازىرغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومنىڭ 1– شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، پارتىيە 15 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 16– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى .
|