باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃1،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5-بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈنمەس كۆزەينەك تاقىماڭ
2008- 11- 25 16:40 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

    كۆرۈنمەس كۆزەينەك كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ئۈستىگە ئورنىتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ كۆزنىڭ فۇكۇسىنى تەڭشەيدۇ . كۆز قارىچۇقى ھەرىكەتلەنگەندىكى ياش ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردىسىنى ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى چىقىرىندىلارنى چىقىرىۋېتىدۇ . ھامىلدارلىق باسقۇچىدا بەدەن ئېغىرلىقى 11 كىلوگرام ئاشىدۇ ھەمدە بەدەندە تەخمىنەن 6.5 لېتىر سۇ تەركىبى بولىدۇ . كۆز مۈڭگۈز پەردىسىدە %70 سۇ تەركىبى بولىدۇ . شۇڭا كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۇ تەركىبىنى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ .

    تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن %3 ئاشىدىكەن . يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ سەزگۈزلۈكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەنلەيدىكەن ھەم كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ رادىئاتسىيىسى ۋە كۆز قارىچۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن . بۇ خىل ئەھۋال تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا ئەسلىگە كېلىدىكەن . شۇڭا ھامىلدارلار كۆرۈنمەس كۆزەينەك تاقاش قېتىم سانى ۋە تاقاش ۋاقتىنى ئازايتىشى ، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا كۆرۈنمەس كۆزەينەك تاقىماي ، ئادەتتىكى كۆزەينەك تاقىشى كېرەك .

گۈلنۇر تۆمۈر تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ