باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
يېشىل چاي ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2008- 11- 20 12:22 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئىگىلىنىشچە ، ئون چوڭ ساغلاملىق يېمەكلىكىنىڭ ئىچىدە يېشىل چاي بار ئىكەن .  بۇنىڭ سەۋەبى يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە مول چاي پولىفېنول ، ۋېتامىنC خلوروفىل شۇنداقلا ئامىنو كىسلاتاسى ، لىپو پولىسا خارىد،  خۇشپۇراق ماددىلار  ۋە كۆپ خىل مېكرو ئېلېمېنتلار بار.  نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ئەرلەرلا يېشىل چاي  ئىچىشنى ياخشى كۆرۈپ قالماستىن، يەنە كۆپ ساندىكى ئاياللارمۇ كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى، يېشىل چاي ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق.

     تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئەگەر ئاياللار كۈنىگە تۆت ئىستاكان ئەتراپىدا يېشىل چاي ئىچىپ بەرگەندە، ئاسانلىقچە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولمايدىكەن. يېشىل چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ياپونىيىلىك ئاياللاردا سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. شۇنداقلا تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، يەنە ئاياللار كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىكەن.

     مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى 1200 نەپەر ساغلام ئايال ۋە بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولغان ئايالغا قارىتا سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە دائىم يېشىل چاي ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يېشىل چاي ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %60 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر كۈنىگە ئۈچ، تۆت ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىشنى داۋاملاشتۇرالىسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

     مەملىكىتىمىز مۇتەخەسسىسلىرى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بىلەن ساغلام كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇپ  يېشىل چاي ئىچكەن ئاياللارنىڭ يېشىل چاي ئىچمىگەن ئاياللارغا قارىغاندا ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %50 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى پەرزەنت يۈزى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغان 187 نەپەر ئايالنى كۆزەتكەن، نەتىجىدە ھەر كۈنى بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق يېشىل چاي ئىچكەن ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى يېشىل چاي ئىچمىگەن ئاياللاردىن يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولغان. 

     ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ئەگەر كۈنىگە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىپ بەرسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش خەۋىپىنى %27 تۆۋەنلىتىپ، ئۆت راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %40 چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا كۈنىگە بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق يېشىل چاي ئىچىپ بەرگەن ئايالارنىڭ سۆڭىكىدىكى سۆڭەك ئاساسىي ماددىسى يېشىل چاي ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا ناھايىت كۆپ بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدىكەن. ياشانغان ئايالارمۇ يېشىل چاي ئىچىپ بەرسە بەل ئۇمۇرتقىلىرى، يانپاش سۆڭىكىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى يېشىل چاي ئىچمىگەن ئاياللاردىن كۆپ يۇقىىر بولۇپ، سۆڭەكنىڭ سۈنۇپ كېتىش خەۋىپىمۇ خېلىلا تۆۋەن بولىدىكەن. دېمەك يېشىل چاي ئىچىش ئاياللار ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، پەقەت كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىچىش چەكلەنمىسە، چوقۇم ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ھالدا يېشىل چاي ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇندىلا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، يېشىل چاي ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقلارنى ھېس قىلالايسىز.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ