باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
مۇنداق ئاياللار بالىياتقۇ ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلسا بولىدۇ
2008- 11- 17 17:58 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

   بالىياتقۇ ئۆسمىسى ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك . ھەيز مىقدارى كۆپ بولۇشتىن باشقا ، ھەيز كېلىش ۋاقتى ئۇزىراش ، قېتىم سانى كۆپىيىش ، كېچىدە كۆپ سىيىش ياكى قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، دەرھال تەكشۈرتۈش كېرەك . ئوخشاشمىغان ئورۇندىكى بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئالامىتى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەگەر ئىچكى پەردىگە ئۆسكەن بولسا ، ھەيز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش ، مىقدارى كۆپىيىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئېغىرراق بولغاندا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر بالىياتقۇ دىۋارى ياكى سېروزلۇق پەردە ئاستىغا ئۆسسە ھەمدە سىرتقا كۆرۈنەرلىك چىقسا ، دوۋسۇننى بېسىۋېلىپ ، كېسەلدە كېچىدە كۆپ سىيىش ، پات – پات سىيگىسى كېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؛ ئارقا تەرىپى توغرا ئۈچەينى بېسىۋېلىپ ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى بالياتقۇ ئۆسمىلىرى سىرتقا كۆرۈنەرلىك چىققان بولسا ، چوڭايغاندىن كېيىن ، قورساق قىسمىدا قولغا ئورۇنغىدەك مونەكچە پەيدا بولىدۇ . يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاياللار چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ، بالىياتقۇسىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك .

   بۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن ، بالىياتقۇسى ئاستا – ئاستا كىچىلەيدۇ  . ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا كىچىكلىمەي ، ئەكىسچە چوڭايسا ، دەرھال داۋالىنىش كېرەك .

نۇرنىسا ئابلىمىت تەرجىمىسى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ