باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوكسىگېن سۈمۈرۈش كېرەك
2008- 11- 10 15:37 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     بىر قىسىم ھامىلدارلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پۇتى ئىشىپ كېتىش ، كىچىك تەرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشتەك ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە ئىرەن قىلمايدۇ . ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق ھەم ھامىلە ساغلام يېتىلمەسلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋاللار ھامىلىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم .

      ئادەتتە ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ قالىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭدا ھامىلىنى ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . بۇ چاغدا يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا ، رېتىمسىز بولىدۇ ھەم ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ . ھامىلدارلار بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسېگىن سۈمۈرسە بولىدۇ . ئوكسېگىن سۈمۈرتۈش ئارقىلىق بالا ھەمرىيىنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇقنى تولۇق يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ . ئوكسېگىن سۈمۈرتكەن چاغدا چوقۇم مۇۋاپىق سۈمۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر ئارتۇق سۈمۈرتۈلسە ، ھامىلە ئوكسېگىندىن زەھەرلىنىپ قېلىپ ، ئۆپكىدە سۈمۈرۈلۈش خاراكتېرلىك بىر يۈرۈش كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھامىلىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ھامىلىدە كانايچە كېڭىيىپ كېتىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۆزىتىپ تۇرۇپ ، ئوكسېگىن سۈمۈرتۈش كېرەك . ھامىلدار ئاياللار يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم ياخشى دەم ئېلىشى ، ئارتۇق چېچىلماسلىقى ھەم تۇزى كەم تاماقلارنى ئىستېمال قىلىپ ياخشى كۈتۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ