باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
كارۋاتتا يېتىپ بالا ئېمىتمەڭ
2008- 11- 04 16:53 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     نۇرغۇن ياش ئانىلاردا كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتىدىغان ئادەت بار ، بولۇپمۇ كېچىدە بۇنداق ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپ . بۇنداق قىلغاندا بوۋاقلارنىڭ ناھايتى ئاسان جىددىي خاراكتېرلىك يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىقا گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلانغان . چۈنكى بوۋاقنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا ، كېسەللىك ۋىرۇسى ئوتتۇرا قۇلاق بوشلۇقىغا كىرىپ كېتىدىكەن . بوۋاقلارنىڭ يۇتقۇنچاق ناغرا قانىلى قىسقا ، ئورنى تەكشى ھەم تۆۋەن بولغاچقا ، ئانىلار يېتىپ بالا ئېمىتكەندە ، باكتېرىيە ئاجرالمىلىرى ياكى بالا قۇسقاندىكى ئاجرالما ماددىلار ئاسانلا قۇلاققا كىرىپ كېتىپ ، جىددىي خاراكتېرلىك يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىكەن . شۇڭا بالا ئېمىتكەندە چوقۇم بوۋاقنىڭ بېشىنى 45 گرادۇس كۆتۈرۈش لازىم .

رۇقىيە تەييارلىغان   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ