باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
سېمىزلىك تۇخۇمدان راكىنى پەيدا قىلىدۇ
2008- 10- 27 17:26 شىنجاڭ گېزىتى

     سېمىزلىك ھەر خىل كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ، تۇخۇمدان راكىمۇ سېمىزلىكتىن بولىدىغان كېسەل. ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سېمىز ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا  گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكى ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى ئىكەن. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى 35 سېمىز ۋە 108 نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكى تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغان ئايالنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغان سېمىز ئاياللارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ سېمىز ئاياللارنىڭ ياغ توقۇلمىلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل ھورمۇن ياكى بىر خىل ئاقسىلنىڭ تۇخۇمدان راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سېمىزلىكنىڭ يەنە سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ راكى، تۈز ئۈچەي راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەتتە تۇخۇمدان راكى دەسلەپكى باسقۇچتا ئاسان بايقالمايدۇ، كۆپ ھاللاردا بۇ كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا دىئاگنوز قويۇلىدىغانلىقتىن، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %70ى كۆپ بولغاندىمۇ بەش يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن.

مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى         

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ