باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
يىلىك ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغۇچىلار لامنارىيىنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك
2008- 10- 16 16:57 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

       قوزغىلىشچان يىلىك ئۆسمىسى قان سۇيۇقلۇقى سېستىمىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە تەۋە بولۇپ ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئانچە ئاغرىمايدۇ . ئەمما ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندا ئۇستىخان قاتتىق ئاغرىيدۇ . ئەگەر قوزغىلىشچان يىلىك ئۆسىمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدىغان لامنارىيە (خەيدەي) ، دېڭىز يوسۇنى (زىسەي) ، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى كالورىيىلىك ، يۇقىرى ئاقسىللىق ، ۋىتامىن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە سۇيۇق – سەلەڭ تاماقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .

      ئەگەر يىلىك ئۆسمىسى بولۇپ قالغان ئاغرىقلاردا يەنە قان ئازلىق ، سۆڭەك سۇنۇپ كېتىش ، تال ئىششىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، دېڭىز يوسۇنى ، كۈدە ، دولانە ، دەريا تاشپاقىسى ، ياڭاق ، راك ، كۈنجۈت ، يىلانبېلىق قاتارلىقلارنى يەپ بېرىشى كېرەك . بۆرەك ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغۇچىلار تۇزسىزراق يېمەكلىكلەرنى يېيىشى ، ھەقىقىي ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قوزغىلىشچان قان پىلاستىنكىلىرى كۆپىيىش كېسىلى بولغان ئاغرىقلار يەر ياڭىقى ۋە ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك .

رۇقىيە مۇھەممەترېھىم تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ