باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ئاياللاردىكى نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
2008- 10- 16 12:53 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

  ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ياكى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا قان بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىغان بولغاچقا  ، بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش، قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە قان تولۇقلاش، زۆرۈر بولسا قان بېرىش، دەم ئېلىش بىلەن بىللە مۇۋاپىق تىنچلاندۇرۇش دورىلىرى ۋە ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەك. ئاياللارنىڭ 25 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان دەۋرى تۇغۇش ۋە بالا بېقىش دەۋرى بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھەركىتى كۆپ، ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقۇرى، دەم ئېلىش ۋاقتى بەك قىسقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ياش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئاياللاردىكى ۋىتامىن كەملىكمۇ نېرۋا ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      ئاياللار بالا بېقىش دەۋرىدىن بالا تەربىيەلەش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئائىلە يۈكى ۋە روھىي جەھەتتىكى يۈك بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە ئاياللار يەنە ئوڭايلا نېرۋا ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇ دەۋردىكى نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىلىرى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندىن باشقا، كۆپ سۆزلەيدىغان، ئاسان يىغلايدىغان، يالغۇزلۇقنى، تىنچلىقنى خالايدىغان، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ دەۋردە ئاياللار ناھايىتى نازۇكلىشىپ، ئاسان چېچىلىدۇ. شۇڭا تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ۋە ۋىتامىننى مۇۋاپىق تولۇقلاش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

      ئاياللارنىڭ 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ياش باسقۇچى ھەيز كېسىلىش دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردىكى فىزىئولوگىيەلىك ئامىللار مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئاسان چېچىلىدىغان، يىغلايدىغان، چۆچۈيدىغان، تۇيۇقسىز يۈرىكى سالىدىغان، كۆپ سۆزلەيدىغان، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدىغان، پۇت- قوللىرى چىڭقىلىدىغان، بەدىنى ئاغرىيدىغان، كۆزى قاراڭغۇلىشىدىغان، بېشى قايىدىغان ئالامەتلەردىن باشقا يەنە كۆپ خىيال قىلىدىغان، ئاسانلا بىرەر ئىشقا پۇشايمان قىلىدىغان ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە خاپىغان كېسىلى دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بەزى ئاياللاردا ئېغىر، بەزىلەردە يېنىك، بەزىلەردە ۋاقتى ئۇزۇن، يەنە بەزىلەردە قىسقا كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تىنچلاندۇرغۇچى، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەندىن سىرت، ۋىتامىنلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش دورىلىرى ۋە ھورمونلارنىمۇ مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ئومۇمەن، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى كېلىنىكىدا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئاياللار ئۆزلىرىدىكى فىزىئولوگىيەلىك خۇسۇسيەتكە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن ساغلام تۇتۇش ئارقىلىق نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ