باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ياشلىقىڭىزنى ساقلاپ قالاي دېسىڭىز
2008- 10- 15 15:25 تەڭرىتاغ تورى

     قايناق سۇ ئىچىپ بېرىڭ. ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان ئەتراپىدا قايناقسۇ ئىچىپ بەرگەندە تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى ۋە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    مايلىق تاماقنى ئاز يەڭ. كۆكتات، مېۋە–چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

    سۈت ئىچىپ بېرىڭ. كالا سۈتى تەركىبىدە كالىتسىي ماددىسى ئىنتايىن مول.

    ئەتىگەنلىك ناشتىلىققا ئەھمىيەت بېرىڭ. ياخشى بىر ۋاق ناشتىلىق بەدەننى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     داۋاملىق مېۋە سۈيى ئىچىپ بېرىڭ. مېۋە سۈيى تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ۋە ۋىتامىن مول بولۇپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدۇ.

     بانان يەپ بېرىڭ. بانان تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بەدەننىڭ ئىشقارلىق، كېسلاتالىق دەرىجىسىنى تەڭشەيدىغان فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.

     گۈل بېقىڭ. گۈل نېرۋىلارنىڭ جىددىيلىشىشىنى پەسەيتىپ، ئادەمگە خاتىرجەملىك ۋە خوشاللىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

     تازلىققا ئەھمىيەت بېرىڭ. يوتقان–كۆرپىلەرنى پات–پات ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش، كىيىم ئالماشتۇرۇش، كۈندە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن ئېغىز چايقاش، ئىسسىق سۇدا يۇز، پۇتنى يۇيۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق.

     قېنىپ ئۇخلاڭ. قېنىپ ئۇخلىسىڭىز روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ، چىرايىڭىز نۇرلىنىدۇ.

     تېرىڭىزنى ئاسراڭ. كۈن نۇرى كۈچلۈك ۋاقتىتتا سىرىتقا چىققاندا كۈن قالقىنى سۈرتۈپ، ئولتىرا بېنەپشە نۇرنىڭ تېرىڭىزنى كۆيدۈرۇشىدىن ساقلىنىڭ.

    مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ