باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ھامىلدار ۋاقىتتا چاچ بۈدرە قىلىش ساغلاملىققا پايدىسىز
2008- 10- 13 16:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ھامىلدار ئاياللاردا ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمۇ مۇشۇ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار مەزگىلدە چاچ بۈدۈر قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ساغلاملىقىغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     ئادەم بەدىنىدىكى تۈك ئادەتتە مۈڭگۈز ئاقسىلىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۈڭگۈز ئاقسىلى ئامىنو كىسلاتاسىدىن شەكىللىنىدۇ. ئاياللار ھامىلدار مەزگىلدە ھامىلىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈك ئىشلەپچىقارغۇچى ئامىنو كىسلاتاسى تەبىئىي ھالدا كېمىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ چېچى ئىلگىرىكى نورمال ۋاقىتتىكىدىن ئاجىزلىشىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا چاچنى بۈدۈر قىلغاندا چاچقا زەخمە يېتىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاياللاردا ئىچكى ھورموننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، چاچ بۈدۈر قىلىنسا بەدەندە يامان تەسىر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تەننىڭ ساغلام بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھامىلدار ۋاقىتتا چاچ بۈدۈر قىلماسلىق كېرەك .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ