باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
يامغۇر ۋە سالامەتلىك
2008- 10- 13 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

     كىسلاتالىق يامغۇر سالامەتلىككە زىيانلىق

     كىسلاتالىق يامغۇر تەركىبىدە كىسلاتالىق ماددىلار بار يامغۇرنى كۆرسىتىدۇ، كىسلاتالىق ماددىلار ئاتموسفېرادىكى كاربون (IV) ئوكسىدى، گۈڭگۈرت (IV)ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى قاتارلىق گازلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. يامغۇر سۈيىنىڭ pH قىممىتى 5.6 دىن كىچىك بولسا، بۇنداق يامغۇر كىسلاتالىق يامغۇر ھېسابلىنىدۇ.

     كىسلاتالىق يامغۇر ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئومۇميۈلۈك تەسىر يەتكۈزىدۇ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدا ھەر يىلى مىنېرال يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈشتىن كىسلاتالىق سۇلفاتلار(گۈڭگۈرت كىسلاتا تۈرلىرى) قويۇپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن تەخمىنەن ئون مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپادىكى ئىسكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدا بوۋاقلار كىسلاتالاشقان قۇدۇق سۈيى ئىچكەنلىكتىن، دائىم ئىچى سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. كىسلاتالىق يامغۇر تۇپراق تەركىبىدىكى كادمىي مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى كادمىينىڭ مىقدارىنىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئاشلىق ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. گېرمانىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش جەريانىدا كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ راك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى ۋە تۇغما كەمتۈكلۈك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

     كىسلاتالىق يامغۇر كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئۈچ خىل يول ئارقىلىق زىيان يەتكۈزىدۇ: بىرىنچى، تېرىگە چۆكۈش ئارقىلىق بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش. بۇنداق زىيان بىۋاسىتە بولسىمۇ، ئەمما كېسەل ئالامىتى ئادەتتە ئېغىر بولمايدۇ، تىپىك مىساللىرىمۇ ناھايىتى ئاز. ئىككىنچى، نەپەس يولى ئارقىلىق بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش. بۇنىڭدا، ئاساسلىقى، گۈڭگۈرت ۋە ئازوتنىڭ ئوكسىدلىق بىرىكمىلىرى نەپەس يولىنىڭ ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ كلىنىكىلىق كېسەل مىساللىرى كۆپ. ئاساسلىقى، كىچىك بالىلار ۋە زىققا كېسىلى بارلارنىڭ كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئەڭ روشەن بولۇپ، كېسەل ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۈچىنچى، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن كەلگەن مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرى. بۇ كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم يوشۇرۇن زىيىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، كىسلاتالىق يامغۇر يەر يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىن، گېئولوگىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۇپراق ۋە تاغ جىنىسلىرىدىن بەزى مېتاللارنى سۈزۈپ چىقىرىدۇ، بۇلاردىن قوغۇشۇن، سىماب، ئاليۇمىنلار ئىنسانلارغا ئەڭ زىيانلىق. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ماش، لامنارىيە (خەيدەي)، يېڭى مېۋە – چېۋە قاتارلىق يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

     سىم – سىم يامغۇر بىلەن قارا يامغۇرنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ

    ھازىرقى زامان تېبابەتچىلىك مېتېئورولوگىيىسى تەتقىقاتىدىن، سىم – سىم يامغۇردا سەيلە قىلىشنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سەيلە قىلىشقا قارىغاندا، نۇرغۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بىرىنچى، قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى ۋە سىم – سىم يامغۇر تامچىلىرىنىڭ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ھاۋادا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق نۇرغۇن مەنپىي ئىئون (ھاۋادىكى ۋىتامىن)لار پەيدا بولىدۇ، سىم – سىم يامغۇردا سەيلە قىلىپ پىيادە مېڭىش بەلگىلىك ھەرىكەت مىقدارىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، پۇت، ساغرا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بەزى مۇسكۇللار توپىنىڭ  نۆۋەت بىلەن قىسقىرىشى ۋە ئۇزىرىشى (بوشىشى)دىن، ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك بېسىمى تەدرىجىي كۈچىيىپ، نەپەسلىنىش چوڭقۇرلىشىپ، ئۆپكە سىغىمچانلىقى چوڭىيىدۇ، بۇ يېڭى ھاۋا (مەنپىي ئىئون)دىن نەپەسلىنىشكە پايدىلىق بولىدۇ. ئىككىنچى، سىم – سىم يامغۇردا، دەل – دەرەخلەر ۋە گۈل – گىياھلار تېخىمۇ ياشىرىپ، كوچىلار پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.

     يېقىندا ئەنگلىيىلىك ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سىم – سىم يامغۇر ياغقاندا، يامغۇر تامچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيىلىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنى بىللە ئېلىپ چۈشمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە،  سىم – سىم يامغۇرنىڭ ئادەمگە بىر خىل پاكىز، ساپ، ئارامبەخش تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، قارا يامغۇر تامچىلىرىنىڭ بولسا، كۆپ مىقداردىكى رادىئاتسىيە نۇرلىرى ۋە بۇلغىغۇچى ماددىلارنى بىللە ئېلىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر كۆپەيتىش سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

    كىلىمات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ھەر يىلى ياز، كۈز پەسىللىرىدە، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇۋاپىق ھاۋارايى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر كۆپەيتىپ، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يەڭگىللىتىدۇ. بىراق كىشىلەر يامغۇر ياغقىنىدىن خۇشال بولۇش بىلەن بىللە، ئازدۇر – كۆپتۈر ئەندىشە قىلمايمۇ قالمايدۇ: توپ ئوقلىرى ئاسمانغا ئېتىلسا ياكى ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ بۇلۇت قاتلىمىغا خىمىيىلىك دورىلار چېچىلسا، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ – يوق؟  سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىلگەن يامغۇر سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزەمدۇ – يوق؟

    نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت يامغۇرنى قانداق ئۇسۇلدا كۆپەيتىشتىن قەتئىينەزەر ھېچقايسىسىنىڭ ئاتموسفېرا، سۇ قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    رەڭلىك يامغۇر سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

    ئومۇمەن، ئۆسۈملۈك مەنبەلىك تەسىرلەردىن كېلىپ چىققان رەڭلىك يامغۇرنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئەمما بۇلغىنىش مەنبەلىك تەسىرلەردىن كېلىپ چىققان رەڭلىك يامغۇر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن زىيانلىق.   
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ