|
ياشانغانلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، سالامەتلىكىنى ئاسرىشى پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. جۈملىدىن ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشتا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت سالمىقىنى تاللىشى، ئۆزلىرىنىڭ يېشى، كەسپى، سالامەتلىك ئەھۋالى، قىزىقىشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مۇۋاپىق چېنىقىش ئۇسۇلىنى بېكىتىشى تېخىمۇ زۆرۈر ئىشقا ئايلاندى.
ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرغاندا قانداق ئۇسۇللارنى تاللىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت سالمىقىنى تاللاشتا چېنىقىش تۈرى پۈتۈن بەدەننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان بولۇشى ۋە ھەرىكەت سالمىقى مۇۋاپىق، ئاستا، سىلىق، ماسلاشقان بولۇشى لازىم. مەسىلەن: ئۇلار ھەر كۈنى مېڭىپ بېرىش، ئاستا يۈگۈرۈش، چوڭلار تەيجى گۇڭپىسى، سەيلە قىلىش قاتارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تاللىسا ئۇيقۇنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، كەيپىياتنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
ياپونىيىلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا ھەپتىدە ئۈچ قېتىم پىيادە يول يۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرغانلارنىڭ 15 ھەپتىدىن كېيىن نەپەسلىنىش مىقدارى %12 ئاشىدىكەن. ھەرىكەت دېمەك –– ھاياتلىق دېمەك، دېگەندەك ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، يۈرەك، قان تومۇرى ۋە نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئۇستىخاننى چىڭىتىپ، پۇت – قول، ئۈگىلەر ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن، مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ياخشىسى ھەر كۈنى بىر قېتىم، بولمىغاندا ھەپتىدە ئۈچ، تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىلغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.
ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى قەدەممۇ قەدەم ماسلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىشى كېرەك. ياشانغانلار بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ بىر – بىرىگە ماسلىشىشى، بىر – بىرىنى تولۇقلىشى ناچارراق بولىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئاددىي، يېنىك، ئاستا ھەرىكەتلەردىن چېنىقىشنى باشلاپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى، ھەرىكەت مىقدارىنى، تېزلىكىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئۇنى بەدەننىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇشى لازىم. مەسىلەن: ئاستا مېڭىش، يورغىلاپ مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، ياشانغانلار ھەرىكەت ۋاقتى بىلەن ھەرىكەت سالمىقىنى ياخشى كونترول قىلىشى، ھەرگىز قاراملىق بىلەن ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى لازىم.
ياشانغانلار مۇۋاپىق تەنھەىكەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئالدى بىلەن كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللىشى، ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا نىسبەتەن قاراتمىلىقى بولغان ھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىر ياكى ئىككىنى تاللاپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپرەك مېڭىپ بېرىش، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، كىتاب ئوقۇش، رەسىم سىزىش، خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، سەيلە – ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ ياشانغانلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەردۇر.
ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا ياخشىسى سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ قان بېسىمى، يۈرەك ھەرىكىتى، نەپەس يولى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم.
|