|
ھەر بىر ئادەم ئۆز بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مېۋە – چېۋىلەرنى تاللاپ يېيىشى لازىم. كىشىلەرنىڭ ياش قۇرامى، بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر خىل مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىمۇ ئوخشىمايدۇ. بالىلارنىڭ تال، ئاشقازىنىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا نەشپۈت ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى نەشپۈت ھۆل سوغۇق بولغاچقا ئاشقازانغا زىيانلىق، بىراق قىزىتما، قۇرۇق يۆتەلگە پايدىلىق. بەزى ئاچچىق – چۈچۈك مېۋىلەرنىڭ غىدىقلاش رولى بار، ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەر بۇ خىلدىكى مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى ياكى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ مېۋە ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: تاۋۇز ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. ياز كۈنلىرى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، قىش كۈنلىرى نورمال ياكى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم. ياز ھەم كۈز كۈنلىرى ھەر خىل مېۋە – چېۋىلەرنىڭ تازا پىشقان مەزگىلى. ئەمما بۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا پاكىزلاپ ئاندىن يېيىش ئارقىلىق قورساق ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كىلىدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ، قوغۇن – تاۋۇزنى كۆپ يېمەسلىك لازىم.
مېۋە– چېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك. مېۋە – چېۋە تەركىبىدە گەرچە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بىرلا قېتىمدا كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نى ئورگانىزىم تولۇق قوبۇل قىلىپ بولالمايدۇ. بەك چۈچۈمەل مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش زىيانلىق.
مېۋە – چېۋىلەرنى تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئۆتكۈزۈپ يېيىش كېرەك. كىشىلەر بېلىق، گۆش، تۇخۇم قاتارلىق قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاقسىل ماددىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈش مىقدارى %70 بولىدۇ. تاماقتىن كېيىن مېۋە – چېۋە يېسە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى %80 - %90 كە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مېۋە – چېۋىلەرنى تاماقتىن كېيىن يېيىش، ئەمما تاماق ئورنىدا ئاچ قورساققا يېمەسلىك لازىم.
|