|
شامالدىتىش: تورۇسقا بىۋاستە شامال بارمايدىغان تەرەپتىكى دېرىزىنى ئېچىپ شامالدىتىش ؛ داس ياكى چىلەككە سوغۇق سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇپ، شامال ئۆتۈشىدىغان ئۆيگە قويۇش ھەمدە يېڭى سېتىۋالغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىش لازىم.
لىمون كىسلاتاسى بىلەن سۈرتۈش. قالدۇق پۇراقلارنى تېز تۈگىتىش ئۈچۈن، پاختا دەسمالنى لىمون كىسلاتاسىغا چىلاپ ئۆي سايمانلىرىنىڭ ئىچىگە ئېسىپ قويۇش ياكى سۈرتۈش كېرەك.
مېۋە – چېۋە بىلەن پۇراق تۈگىتىش. ئاپېلسىننى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۆي سايمانلىرىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسا، بىر قانچە كۈندىن كېيىن پۇراق پۈتۈنلەي يۇقايدۇ. ھەر بىر ئۆيگە بىردىن ئاناناس قويۇپ قويسىمۇ ئۆيدىكى غەيرىي پۇراق تۈگەپ، ئورنىنى ئاناناسنىڭ پۇرىقى ئالىدۇ .
مېۋە شۆپىكى ئارقىلىق پۇراق تۈگىتىش. ئۆيگە لىمون، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ شۆپىكىنى قويۇپ قويسىمۇ، غەيرىي پۇراقنى ئاسان سۈمۈرىدۇ.
|