|
دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى 23 دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: شېكەرنىڭ زىيىنى تاماكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلىۋەرگەندە ئۆمۈر كۆرۈنەرلىك قىسقىرايدۇ، شۇڭا شېكەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ شېكەرگە بولغان ئىستېمالى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەمما زىيىنىنى نۇرغۇن ئىستېمالچىلار بىلمەيۋاتىدۇ. ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك شېكەر ئىستېمال قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق؟
ئەڭ ياخشىسى كۈنىگە 40 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، تەركىبىدە شېكەر بار يېمەك – ئىچىملىكلەر ناھايىتى كۆپ. شۇڭا ئۆلچەم بويىچە ئىستېمال قىلغان ياخشى. شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئۇستىخان ئوڭاي سۇنىدۇ. ئاق شېكەرنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %99 تىن ئاشىدۇ. تەركىبىدىمۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولىدۇ. شۇنداقلا ئاقسىل، ۋىتامىن، مېنىرال ماي ماددىلار ۋە يېمەكلىك تالالىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق ۋاقىتتا شېكەر ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؟
قاندىكى شېكەرنىڭ قويۇقلۇقى چۈشكەن چاغدا ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىش . قاندىكى شېكەر ماددىسى تۆۋەن كىشىلەر قورسىقى ئاچقاندا كۆزى قاراڭغۇلىشىپ پۇت–قولىدا ماغدۇر قالمايدۇ. بۇ چاغدا بىر ئىستاكان شېكەر سۈيىنى ئىچكەندە ياخشى بولۇپ قالىدۇ. يەنە مونچىغا چۈشكەندە ئازراق تاتلىق يېمەكلىك ياكى شېكەر سۈيى ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ پايدىسى بولىدۇ.
قارا شېكەر ئىچىش . قارا شېكەر تەركىبىدە تۆمۈر، كالىي، مانگان قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. شۇنداقلا ئادەم تىنىدىكى كىسلاتا ۋە ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
|