|
دۆلىتىمىزنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، كۈزنىڭ ئاخىرى ، قىشنىڭ بېشىدا ، مېڭە قان تومۇرى قېتىشىش ، مېڭىگە قان چۈشۈش ، قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى باشقا پەسىللەردىن يۇقىرى بولدىكەن . شۇنداقلا ھاۋانىڭ سوۋۇشى قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت ، سوغۇق ھاۋا يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، يۈرەك سانجىقى ، قاندىكى ياغ تەركىبى ئېشىپ كېتىش ، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىقلارنىڭ مەنبەسى ئىكەن . سېمىزلىك ، تاماكا چېكىش ، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ، كالتىسىي كەملىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
مۇتەخەسسىسلەر كىشلەرنى يۈرەك ، مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقتىدا دورا يېيىش ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، يېمەك – ئىچمەكتە ئاقسىل ، كالتىسىي مول بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق ، قارا گۆش ، توخۇ گۆشى ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ، تۇخۇم ، قايماق ، سۈت ، يۇپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشنى ، تاماقنى بەك تويۇپ يېمەسلىكنى ، كەچلىك تاماقنى نورمال ئىستېمال قىلىشنى ، كۈندۈزى سۇس دەملەنگەن چاينى كۆپرەك ئىچىشنى تەۋسىيە قىلدى .
|