|
ئاياللارنىڭ 28 ياشتىن كېيىن قورساق قىسمى يوغىناشقا باشلايدۇ . بۇ ئاياللارنىڭ تاشقى گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، مەلۇم كېسەللىكلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن .
ئىگىلىنىشچە ، قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابىت كېسىلى ، بالىياتقۇ ئۆسمىسى ، جىگەرنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن . مۇتەخەسسىسلەر قورساق قىسمى يوغىناشقا باشلىغان ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەپلا قالماي ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بار – يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ .
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى : بەل ۋە قورساق قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيرىسى ئادەتتە نىسبەتەن كۆپ بولۇپ ، پۇت ۋە مۈرە قىسمىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئاسان پارچىلىنىپ ، ياغ كىسلاتاسىغا ئايلىنالايدۇ . زور مىقداردىكى ياغ كىسلاتاسى گلۇكوزىنىڭ مېتابولىزىمغا دەخلى قىلىدىغانلىقتىن ، قان قەنتىنى ئۆرلىتىپ ، Ⅱ تىپلىق دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى بىر مېتىردىن ئاشسا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، بۇ دەل دىئابىت كېسىلىنىڭ باشلانمىسى .
ھۆرىيەتگۈل مەسئۇت تەرجىمىسى
|