باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ئاچچىقسۇدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى
2008- 10- 07 17:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     *سوغۇق سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ، ئۇنىڭغا توڭ گۆشنى چىلىسا ، توڭ گۆش تېز ئېرىيدۇ. توڭ بېلىقنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرىتسىمۇ بولىدۇ.

    *بوغۇزلىغان توخۇ، غاز، ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىقلارنى بىر چوڭ قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇلغان قايناقسۇغا بىر نەچچە مىنۇت چىلىسا، ئۇلارنىڭ پەيلىرىنى تازىلاش ئاسان بولىدۇ.

     *مۇچ قورىغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، مۇچ ئاچچىق بولماي، مەززىلىك پىشىدۇ .

     *ھەر كىلوگرام سۇغا 10 مىللىلېتىردىن ئاچچىقسۇ قويۇپ، بېلىقنى بىر نەچچە مىنۇت چىلاپ ئاندىن قاسرىقىنى قىرسا، قاسرىقى ئاسان تازىلىنىدۇ.

     *تومۇز ئىسسىقتا بېلىقنى ئاچچىقسۇ قۇيۇلغان سۇغا چىلاپ قويسا، بېلىق بىر كچە – كۈندۈزدىمۇ بۇزۇلمايدۇ.

    *شورپىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىچسە، بەدەننىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىگە پايدىسى بولىدۇ.

     *تۇخۇم پىشۇرغاندا سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، تۇخۇم يېرىلماي پىشىدۇ.

     *گاڭپەن دۈملىگەندە، بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىپ دۈملىسە، گۈرۈچ ئاپئاق، تىرىك ھەم مەززىلىك پىشىدۇ.

    *كۆكتات يۇغاندا كۆكتات يۇغان سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، كۆكتات يوپۇرمىقىدىكى قۇرۇتلارنى يوقىتىپ، تازىلاش ئاسان بولىدۇ.

     *يېڭى گۆشنى ئاچچىقسۇغا چىلانغان رەختكە ئوراپ ساقلىغىلى بولىدۇ.

     *كالا گۆشى پىشۇرغاندا، ھەر كىلوگرام سۇغا بىر – ئىككى چوڭ قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قايناتقاندا، كالا گۆشى ھەم مەززىلىك، ھەم يۇمشاق پىشىدۇ.

    *ئاقلانغان بەرەڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلىغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ تېپىتىۋەتسە، بەرەنگىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ.

    *پوشكال، بوغۇرساق سالغاندا خېمىرغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، يېيىشلىك بولىدۇ.

     *كۆكتات قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، ۋىتامىن C نىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    *پىدىگەن قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، قارىيىۋالماي كۆركەم پىشىدۇ.

    *بېلىق پىشۇرغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بېلىقنىڭ غەيرىي پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.

   *ئاچچىقسۇ قۇيۇپ مور يۇغان سۇدا داستىخان، لۆڭگىلەرنى يېنىك ئۇۋىلاپ يۇسا كىرى ئاسان چىقىدۇ.

·لەغمەن پىشۇرغاندا سۈيىگە ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ قايناتقاندا، چۆپ تىرىك ھەم ئاپئاق پىشىپ، يېيىشلىك بولىدۇ  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ