|
ئەتىرنى قانداق ئىشلىتىشمۇ بىر خىل بىلىم. ئەتىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان پۇراقنى تارتىدۇ، ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ، ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئەتىر ئىشلىتىشتە مۇنداق بىرقانچە جەھەتلەرگە دىققەت قىلىش لازىم .
ئەتىرنى بەك كۆپ چاچماڭ، بولمىسا كۈچلۈك پۇراق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى بىزار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئوخشاش بولمىغان ئەتىرلەرنى بىرلىكتە ئىشلەتمەڭ. بۇنداق قىلغاندا ئەتىرنىڭ ئالاھىدە پۇرىقىنى نامايەن قىلغىلى بولمايدۇ ھەم ئۆزئارا ئارلىشىپ كېتىپ، غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.
تەرلىگەندە تېرىگە بىۋاستە ئەتىر چاچماڭ .
ئەتىرنى ئولتۇرا بىنەپشە نۇر چۈشىدىغان يەرگە چاچسا داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىرنى كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان يەرلەرگە چاچماسلىق كېرەك.
داغ پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاق رەڭلىك كىيىملەرگە ئەتىر چاچماڭ.
ئۈنچە - مەرۋايىت، ئالتۇن– كۈمۈش قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىغا ئەتىر تېگىپ كىتىشتىن ساقلىنىڭ، ئەتىر چېچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاڭ. بولمىسا زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ، بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئەتىر ئىشلەتمىگىنى ياخشى. چۈنكى ئەتىرنىڭ تەركىبىدە ئىپار بولۇپ، بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
|