باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ساقلىق ساقلاشتا پەيتنى چىڭ تۇتۇڭ
2008- 09- 28 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

    چىش چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ مىنۇت ئېغىز چايقاش ۋە چىش چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيىلەر يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاسانلا چىش چىرىشنى پەيدا قىلىپ، چىش ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   چاي ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: چاي ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى –– تاماق يەپ بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىنكى ۋاقىتتۇر. نۇرغۇن كىشلەر تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىنلا قىزىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش  خاتا. چۈنكى چايدىكى ئاشلاش كىسلاتاسى تاماقتىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىپ ئېرىمەيدىغان تۆمۈر تۇزلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۈزارغانسىرى قان ئازلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

   سۈت ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: سۈت تەركىبىدە كالتسىي مول بولغاچقا، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچىپ بەرسە، كېچىدە قاندىكى كالتسىينىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

   مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: تاماقتىن بۇرۇنقى بىر سائەت مېۋە يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. ئادەتتە مېۋە خام يېمەكلىككە كىرىدۇ. خام يېمەكلىكنى يەپ بولغاندىن كېيىن پىششىق يېمەكلىكنى يېگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداشقا پايدىسى بار.

   ئاپتاپ سىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6دىن 8 گىچە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت ئاپتاپ سىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. بۇ ۋاقىتتا قۇياش نۇرى پايدىلىق بولغان ئىنفرا قىزىل نۇر A يورۇقلۇق دەستىسىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن D نى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ ھارغىنلىق پەسىيىدۇ، شۇنداقلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   ھۆسن تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى: كەچ سائەت 12 دىن ئەتىگەن سائەت 6  گىچە بولغان ۋاقىت ھۆسن تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھۆسىن تۈزەپ تېرە ئاسرالسا، ئۈنۈمى  ياخشى بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ