باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن
2008- 09- 28 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

    ئادەتتە 14 ياشتىن ئاشقان ئۆسمۈرلەر زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، خەتەرلىك جىنسىي ھەرىكەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئوغۇللار زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە  يۇقىرى بولىدۇ.

   بىئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى ۋە بىلىملىرى كەمچىل قىزلار جىنسىي يول ئارقىلىق ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن.

   18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرلا ئەمەس، 19ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلارمۇ ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. بۇ مەزگىلدىكى ياشلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي ھەمراھلىرى كۆپ، زەھەر چېكىش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ %60ى 15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىكەن.

   مۆلچەرلىنىشىچە، 2004 – يىلىغىچە دۇنيادا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يېتىم بالا 20 مىليونغا يېتىدىكەن. 2010 – يىلىغا بارغاندا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يېتىم بالا 25 مىليونغا يېتىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ