|
يۇلتۇز ئۇچقۇنجان
ھازىر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپلا قالماي، ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. تەخمىنەن ھەر ئون ئادەم ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ بىرى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىدۇر. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى ئاسان داۋالىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىلا، كېسەل ئازابىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدە باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، ئىچى سىقىلىش، يۈرەك سېلىش، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆڭۈل ئېلىشىش، بويۇن قېتىپ قېلىش، ئاغرىش، ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش، مۈرە قىسمى ئېغىرلىشىپ قاتتىق بولۇپ قېلىش، يۇقىرىقى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش، بارماقلار ئۇيۇشۇش، تېرە يىرىكلىشىش، تۆۋەنكى مۈچە قاتتىق بولۇپ قېلىش، يول ماڭغاندا راۋۇرۇس ماڭالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلىرىدا چوڭ – كىچىك تەرەت توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى، ھەتتا تۆۋەنكى مۈچە پالەچلىكى كۆرۈلىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ناتۇغما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنىدۇ. تۆۋەندە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالتە تۈرلۈك ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:
1. ئاكتىپ، قىزغىن كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت ھېسسىيات جەھەتتە بېسىمغا ئۇچرىغان، ئىچ مىجەز كىشىلەر ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولىدۇ. نېرۋا ئاجىزلىقى سۆڭەك بوغۇملىرىغا ھەم مۇسكۇللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا ئاسانلا بويۇن، مۈرە قىسمىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دائىم قىزغىن، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك.
2. كۈندىلىك تۇرمۇشتا باش – بويۇننىڭ توغرا قىياپىتىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرمەسلىك، كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلغاندا راۋرۇس ئولتۇرۇش، ئومۇرتقىنىڭ تۈز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇخلىغاندا مۇۋاپىق ياستۇقنى تاللاش، ياستۇق بەك ئېگىز ياكى بەك پاكار بولماسلىق )ئادەتتە ياستۇق ئېگىزلىكى ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ(، يېتىپ كىتاب، تېلېۋىزور كۆرمەسلىك كېرەك.
3. ئىمكان بار ئاز ئولتۇرۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ماڭالىسا ۋېلىسىپىتكە مىنمەسلىك، ۋېلىسىپىت مىنەلىسە، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماسلىق، ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار ۋە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ چېنىقىپ بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ مۈرە مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باش ۋە يۇقىرىقى مۈچىلەرنى ئالدىغا سوزۇش، كەينىگە ئېگىش، ئايلاندۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا چارچاشنى تۈگىتىپ، مۇسكۇلنى كۈچلەندۈرگىلى، ئۇنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۇ ئۈزۈشمۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
4. ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەت باشنى ئېگىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ھەر بىر سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ گىمناستىكا ئويناپ، تۆت مۈچىنى، بويۇن ئومۇرتقىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە، بويۇن مۇسكۇللىرى، تارىمۇشلاردىكى چارچاشنى تۈگىتىپ، زورۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5. ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. ئىسپىرت سۆڭەك ماددىسىنىڭ سۆڭەككە چۆكۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەك يۇمشاش كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىدۇ.
6. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېرەك. جۇڭگۇ تېبابىتىدە ياڭاق، قاراكۈنجۈت قاتارلىقلارنىڭ بۆرەك يىلىكىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بۇلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، سۆڭەكنى كۈچلەندۈرۈپ، بۆرەك ۋە بوغۇملارنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بايقالغاندا ئىلمىي داۋالاش كېرەك. ھازىر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاشتا بەش خىل خاتا قاراش مەۋجۇت:
1. مۇۋاپىق بولمىغان قايتا – قايتا تارتىپ داۋالاش. بويۇننى تارتىش بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈكرەك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. لېكىن، مۇۋاپىق بولمىغان قايتا – قايتا تارتىش بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يېنىدىكى تارىمۇشلارنىڭ بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چېكىنىشىنى تېزلىتىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ مۇقىملىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
2. قارىغۇلارچە ئۇۋۇلاش. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇۋۇلاپ ئورنىغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئومۇرتقا كانىلىنىڭ تار بولۇشى، ئېغىر ھالدىكى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، بويۇن ئومۇرتقىسى مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاش، يۇلۇن مەنبەلىك بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى داۋالىغاندا ھەرگىز كۈچ بىلەن ئۇۋۇلىماسلىق ۋە ئورنىغا كەلتۈرمەسلىك كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. داۋالاش جەريانىدا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەگرىيلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە دىققەت قىلماسلىق. قارىغۇلارچە تارتىپ داۋالاش بويۇن مۇسكۇل تارىمۇشلىرىنى ئاستا – ئاستا زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا داۋالاش جەريانىدا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەگرىيلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. ئوپېراتسىيىسىز داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى مۇبالىغا قىلىش. ئوپېراتسىيىسىز داۋالاش ھازىرقى زامان سۈرەت ئىلمى تېخنىكىسى بويىچە دىئاگنوز قويۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا دورا قاتارلىق باشقا تەركىبلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىشنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
5. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش. ئۇزاق مۇددەت بىر خىل قىياپەتتە تۇرۇش ئاسانلا بويۇن يۇمشاق توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇ بارا – بارا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا خىزمەت جەريانىدا باش – بويۇننىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە يېرىم مىنۇتتىن بىر نەچچە مىنۇتقىچە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، چارچاشنى تۈگىتىش كېرەك.
|