باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
زەھەر چەكلەش تەربىيىسىنى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاش كېرەك
2008- 09- 27 12:10 شىنجاڭ گېزىتى

   1. زەھەرنىڭ تۈرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق تونۇتۇپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇش ھەققىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك.    

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە زەھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزغا ئېلىپ كىرىلىپ، ھەممىگە قىزىقىدىغان، ئاق – قارىنى، ياخشى – ياماننى ئانچە ئايرىپ بولالمايدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە زەھەر چەكلەش خاس قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ، تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

     ھازىر نۇرغۇن كىشىدە خروئىننىلا زەھەر، دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش بار. زەھەر – خروئىندىن باشقا ئەپيۈن، مورفىن، نەشە، كوكائىن ۋە ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان ناركوز ئوكۇلى، نېرۋا دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قەتئىي يىراق تۇرۇش لازىملىقى ھەققىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    2. زەھەرنىڭ ئادەمنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇتۇش كېرەك.

     ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە زەھەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەيدىغان زەھەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى، زەھەرنى بىر قېتىم چەككەندىن كېيىن ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، چەكمىسە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ئۇزاق ۋاقىت چەككەندە ئادەم بەدىنى ئاجىزلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ئورۇقلاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئاخىرقى ھېسابتا  ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلاردا زەھەرگە يېقىن يولاشتىن ھەزەر ئەيلەش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

    3. زەھەرنىڭ روھىي ۋە ئىقتىسادىي زىيىنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

     زەھەر ئادەمنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئادەمنى روھى جەھەتتىنمۇ تۈگەشتۈرىدۇ، زەھەر چەككۈچى روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىدۇ. ئۆزى چۈشكۈنلىشىپلا قالماستىن، ئاتا – ئانىسى، قېرىنداشلىرى، بالا – چاقىلىرىغا ئېغىر روھىي زەربە ئېلىپ كېلىدۇ، ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى بۇزىدۇ. شۇڭا، بىز زەھەرنىڭ زىيىنىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر، ئالاقىدار سۈرەت، پلاستىنكا، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلارنى زەھەردىن ھوشيار بولۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

     4. زەھەر چېكىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك.

     دۆلىتىمىز قانۇنىدا ‹‹زەھەر چېكىش – قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق، زەھەر سېتىش – جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى››دا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ‹‹زەھەر چېكىشى، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشى›› ناچار قىلمىشلارنىڭ بىرى، دەپ قارالغان. شۇڭا، بىز ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە زەھەرگە يېقىن يولىغاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى، ئاقىۋەتتە پۈتكۈل ئىستىقبالىنىڭ نابۇت بولىدىغانلىقى ياكى بىر ئۆمۈر تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلارنى زەھەرنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇشقا، ئۆزى زەھەر چەكمەيلا قالماي، بىر مەيدان زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش ئىرادىسىنى تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ