باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
سەپكۈننى يوقىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
2008- 09- 25 16:21 تەڭرىتاغ تورى

    لىمون سۇيى ۋە كالا سۈتى: تېرىسى مايلىق ياكى ئوتتۇراھال كىشلەر قەرەللىك ھالدا لىمون سۈيىگە كالا سۈتىنى قوشۇپ ، ئۇنىڭدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىدۇ ، پارقىراق قىلىدۇ.

     پەمىدۇر سۈيى: بىر دانە پەمىدۇرنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق گلىتسېرىن قوشۇپ ئاندىن بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزنى ھەر كۈنى10–15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن تېرىنى چايقاپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇۋالسا بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈننى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەتتا يوقىتىدۇ.

    سەۋزە شىرنىسى : ئىككى قوشۇق سەۋزە شىرنىسىگە 20 تامچە لىمون سۇيى قوشۇپ ، كۈنىگە ئىككى–ئۈچ قېتىمدىن يۈزگە سۈرتۈپ ، 20–30مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتسە ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

    مامكاپ گۈلى سۈيى : بىر تۈپ مامكاپ گۈلىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا چىلاپ ، سوۋۇغاندىن كېيىن ، مامكاپ گۈلىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە سەپكۈن ئورنىنى يۇيۇپ بەرسە ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

    لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيى : ھەر يىلى ئەتىيازدا ھەر كۈنى يۈزنى يۇيغاندىن كېيىن ، لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيىنى بىر نەچچە قېتىم سەپكۈن ئورنىغا سۈرتۈپ ، بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرسا ، يۈزنى ئاقارتىدۇ.

    تۇرۇپ ۋە پەمىدۇر ياپراقچىسى : يۈنى پاكىز يۇيۇپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۈپ ، ئاندىن يۈزگە بىر نەچچە پارچە تۇرۇپ ياكى پەمىدۇر ياپراقچىسى چاپلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، سوغۇق كالا سۈتى بىلەن يۇيسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 

    يوپۇرماق مەلھىمى:خۇشبۇي كەرەپشىنىڭ يېشىل يوپۇرمىقىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنى بىر ئىستاكان قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى–ئۈچ سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە سەپكۈننى يوقىتىدۇ.

    تىرناقگۈل يوپۇرمىقى شىرنىسى : تىرناقگۈل يوپۇرمىقىنىڭ شىرنىسىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىپ،تېرىنى ئاقارتىدۇ.

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ