|
چەتئەلنىڭ ئەڭ يېڭى تېببىي تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، داۋاملىق كۈلۈپ تۇرۇش يۈرەك كېسەللىكى ۋە شامالدارىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىقكەن . ئەكسىچە بولغاندا، يەنى كەيپىياتى تۆۋەن، بولۇپمۇ بېسىم ھىس قىلغان ۋە جىددىي ھالەتتە تۇرغاندا ئادەم ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدىكەن ياكى كېسىلى ئاسان ساقايمايدىكەن. مەسىلەن، ئۇزاق مۇددەت غەمكىن يۈرگەن ياكى تويۇقسىز كەلگەن زەربىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئاسان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
تىببىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسەللىكى ۋە شامالدارىشقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى قان تومۇرلارنىڭ نورمال كېڭىيىشىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، قاننىڭ راۋان ئايلىنالماسلىقىدىن بولىدىكەن. كەيپىياتى تۆۋەن بولغاندا، ئىممونتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە قان– تومۇر تارىيىش كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن.
ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىنى بىلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 20 نەپەر ساغلام ئەر – ئايال ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ئالدى بىلەن، تەكشۈرگۈچىلەر بۇ كىشىلەرگە خەتەرلىك ھەركەت فىلىملىرى ۋە كومىدىيە فىلىملىرىنى كۆرسەتكەن، ئاندىن داۋالاش خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىنو كۆرگەندىن كېيىنكى قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈتكەن. نەتىجىدە، جىددىيلەشتۈرىدىغان كىنونى كۆرگەندە ئادەم بەدىنىدە قان ئايلىنىشنىڭ %35 ئازىيدىغانلىقى، كومىدىيە فىلىمىنى كۆرۈپ ، قاقاقلاپ كۈلگەندە، قان ئايلىنىشنىڭ %20 كۆپىيىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئادەم 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلغانغا باراۋەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئامېرىكا ئالىملىرى ئىلگىرى تۇرمۇش زەربىسىگە ئېغىر ئۇچرىغان ھەمدە جىددىي كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىر قىسىم كېسەللەرگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە، بۇ كېسەللەرنىڭ كۆپ قسىمىدا كۆكرەك ئاغرىش ، ئىچى سىقىلىشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقالغان . بۇ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما باشقا يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئوخشاشمايدىغىنى، تۇرمۇش زەربىسىگە ئۇچرىغانلار ئۆيىدە دەم ئالغان ياكى ئازراق داۋالانغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ياخشى بولۇپ كەتكەن. تەتقىقاتچى خادىملار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: كىشلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بەدەننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىىشى قالايمىقانلىشىدۇ، بۇ ھەم قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسەللىكى قوزغالغاندەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىمۇ يۈرەك كېسەللىكى ۋە شامالدارىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدىكەن. نۇرغۇن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى يۈرەك ۋە مېڭە قان – تومۇرىنىڭ نورمال كېڭيىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسەللىكى ياكى مېڭە قان – تومۇرلىرىنىڭ توسۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مۇتەخەسسسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى قاراشتىكى كۈنىگە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش، يۈرەك، مېڭە قان تورمۇلىرىنىڭ ساغلامقىغا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىببىي مۇتەخسسسلەرنىڭ قارىشىچە، ئويقۇنىڭ ئاز كۆپلىكىمۇ كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، كېچىدە 8 سائەت ئۇخلايدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرىچە بەش سائەت ئۇخلايدىغان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئۇخلايدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %39 يۇقىرى بولىدىكەن؛ 9 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلايدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نسىبىتىمۇ ئوخشاشلا %37 كۆپ بولىدىكەن .
|