|
ئولتۇرۇش ۋە تۇرۇش شەكلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇش بەلكى قاملاشمىغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇش بەدەندىكى پۈتۈن ئەزانىڭ ھەركىتىگە پايدىلىق بولۇپ، قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئادەتتە بەك ئوزۇن ئولتۇرۇپ ئىشلىگەندە ، ئۇمۇرتقا ۋە بۇيۇن ئومۇرتقىسى ئەگرى ھالەتتە بولغاچقا ، زور بېسىمغا ئۇچرايدۇ، پۇتنىڭ ئۇگىلىرىمۇ ناھايىتى چارچايدۇ. مۇتەخەسسسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ قېتىم زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بەرگەندە، بۇغۇم، موسكۇللار بوشۇشۇپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇق كۈچىنى ئاشۇرغىلى، بەدەن شەكلىنى ياخشىلاپ، يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.
بەدەننى ئەركىن قويىۋېتىپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بېرىش، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئولتۇرۇش قېتىم سانىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىش كېرەك . ئوتتۇرا ياشلىقلار مەشىقنى باشلىغاندا، چوقۇم پەخەس بولۇش، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاستا ئىشلەش لازىم. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئولتۇرپ قوپۇش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەندە، پۈتۈن بەدەننىڭ موسكۇللىرى جىددىيلىكتىن بوشاپ، بىر قېتىملىق موسكۇل ئۇۋىلاش ئېلىپ بارغانغا باراۋەر بولىدىكەن.
ناۋادا ئىشخانىدا بۇنداق ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش ئەپسىز بولسا، ئىشخانىدا بىر قانچە تەشتەك گۈل بېقىپ، بىر جەھەتتىن ئىشخانىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلىغاچ، گۈللەرگە سۇ قويۇپ، تەبىئىي ھالدا زوڭزىيىپ بىر قانچە مىنۇت بەدەننى بوشاتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، داۋاملىق ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنى ئۈستىلىڭىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن تارتمىسىغا سېلىپ قويۇپ، ماتېرىيال ئىزدىگەن ۋاقىتتا، ئازراق زوڭزىيىپ ئولتۇرىۋالسىڭىزمۇ ناھايىتى راھەتلىنىپ قالىسىز. ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلاردىن سىرت، شوپۇر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوزاق ئولتۇرىدىغانلار، بىر قانچە مىنوت زوڭزىيىپ ئولتۇرسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ساغلاملىق ھەرىكىتىنى ئىشلىگەن بولىدۇ .
|