|
ياغ ئىشتىھانى ئېچىپ ، بەدەنگە ئىسسىقلىق ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە بەدەنگە زۆرۈر بولغان لىنولېئىك كېسلاتاسى ، ئاراخىدونىك كېسلاتاسى ۋە لىنولېنىك كېسلاتاسى قاتارلىق ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددا بار. ياغ يىرىك ياغ ۋە تاۋلانغان ياغ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. رەڭگى قېنىق قوڭۇر ياكى ئاچ قوڭۇر بولىدۇ. قىزىتقان ھامان پۇرقىراق بۇس چىقىدىغىنى يىرىك ياغ بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى بەزى تەركىبلەر ئورگانىزىمغا زىيانلىق. مەسلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىرخىل ئاروماتىك ماددىنىڭ تەركىبى ماشنىدىن چىقىدىغان گازنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشاش. يىرىك ياغ تەركىبىدە غەيرى پۇراق يېپىشقاق ماددا ، سېرىن قاتارلىق ماددىلار بولۇپ ، قىزىتقاندا ئاسانلا بۇس چىقىدۇ ھەم سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ ، بۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا كۆپ خىل كېسەللىك ۋە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ئىمكانقەدەر يىرىك ياغنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك . تاۋلانغان ياغ خېمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق ئىككى خىل ئۇسۇلدا تاۋلىنىدۇ. خېمىيىلىك ئۇسۇلدا خېمىيىلىك رېئاكسىيە پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ، كېرەكسىز ھاسىلاتلارنى چىقىرىپ تاشلاش يولى بىلەن تاۋلىنىدۇ. فىزىكىلىق ئۇسۇلدا يۇقىرى ۋاكىئۇم، يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاستىدا فىلتىرلاش يولى بىلەن تازلىنىدۇ. ياغنى يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاستىدا قايتا–قايتا ئىشلەتكەندە مايدا پارچىلىنىش ۋە ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىپ ، زەھەرلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بىر قېتىم ئىشلەتكەن ياغنى قايتا يەنە ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|