باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ئىنسانلاردىكى تۆت خىل مىزاج
2008- 09- 23 16:54 تەڭرىتاغ تورى

      قۇرۇق ئىسسىق مىزاج : تەبىئىيتى قۇرۇق ئىسسىق كىشلەرنىڭ كۆز ئېقى سارغۇچراق ، ئېغىز تەمى ئاچچىق كېلىدۇ . تىلى قۇرغاقراق بولۇپ ، كۆپ ئۇسسايدۇ . بەدىنى دائىم قىزىق تۇرغاچقا سوغۇق ھاۋادا يۈرۈشنى ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى خالايدۇ . تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېز سوقىدۇ ، كىچىك تەرىتى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كېلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق ئادەملەرنىڭ ئاچچىقى يامان، نېرۋىسى ئىتتىك ، ھەركىتى تېز ، سەزگۈر ، ئالدىراڭغۇ ، ھېسىياتى كۈچلۈك ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى ئاجىز ، ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ . بۇ خىلدىكى كىشلەر كۆپرەك نېرۋا كېسىلى ، جىگەر كېسىلى ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسىلى بىلەن ئاغرىيدۇ. 

    ھۆل ئىسسىق مىزاج : بۇ، ئىنسانلار مىزاجى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ، بۇنداق مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ تەبئىيتى ھۆل ۋە ئىسسىق بولغاچقا ، بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك ، تېرىسى سىلىق ، چىرايى نۇرلۇق ، قىزىل كېلىدۇ. تولا ئەسنەيدۇ ، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ . بۇنداق مىزاجدىكى كىشلەر كۆپرەك تېرە كېسىلى ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ . بۇ خىل مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ مىجەز–خۇلىقى خۇش–پېئىل ، ئوچۇق، ئەقىل–پاراسىتى ۋە پىكىر قىلىش قابىليىتى ئوتتۇرھال بولۇپ ، سىرىتقى تەسىراتقا ئىنكاسى كۈچلۈك بولىدۇ ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدۇ . بۇ خىلدىكى كىشلەر ئادەتتە تەبئىيتى قۇرۇق ئىسسىق غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا بولىدۇ .

    ھۆل سوغۇق مىزاج : بۇ مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ رەڭگى ئاق ، لەۋلىرى تومراق ، تېرە ئاستى ماي قاتلىمى كۆپ ، بەدىنى يۇمشاق ھەم سوغۇقراق بولىدۇ . بۇ خىلدىكى كىشلەر ئېغىر–بېسىق ، بىغەم ، ھەر قانداق ئىشتىن ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان بولىدۇ . جىسمانىي ۋە ئەقىل–پاراسەت جەھەتتە قۇرۇق ئىسسىق كىشلەردىن ئاجىزراق بولىدۇ . بۇنداق كىشلەر سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر ، يەنى بوغۇم ئاغرىقلىرى ، پاراللىچ كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

     قۇرۇق سوغۇق مىزاج : بۇ خىل مىزاجتىكى كىشلەر بەدىنى چىڭ ، ئورۇقراق كېلىدۇ ، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى بەكمۇ تەرەققى قىلمىغان بولۇپ ، ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ.بۇ خىلدىكى كىشلەر ئاسان تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس ،ھېسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمىليەتتىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ . ئەقىل–پاراسىتى ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك بولۇپ ، سەلبى پىكىر قىلىشقا ۋە روھىي ئازاپ چېكىشكە مايىل بولىدۇ ، كىشلەر بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدۇ. بۇ خىلدىكى كىشلەر روھىي كېسەل ۋە نېرۋا خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ