|
كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ ، تېرىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېز بولىدۇ . تېرە تارتىشىپ ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ . ئەگەر بۇ چاغدا تېرە ئاسراشقا سەل قارالسا ، تېرە زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، كۈز پەسلىدە تېرە ئاسراشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. تېرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاش كېرەك . كۈز پەسلىدە ئوتتۇراھال تىپتىكى يۇز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ، ئىسپىرىت تەركىبى بولمىغان گىرىم سۇيۇقلۇقى ، تېرىگە ھۆللۈك بېغىشلايدىغان كۈندۈزلۈك ۋە كەچلىك يۈز ماي ئىشلىتىش ، تېرىنى نەمدەش ، ئاقارتىش ئۈنۈمى بار تازىلاش مەلھىمى ئىشلىتىش مۇۋاپىق .
2. ئادەتتىكى تېرە ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . كۈندۈزى ئىككى قېتىم تېرە تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، تېرىگە مەلۇم مىقداردا ھۆللۈك ۋە ماي يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك . كەچتە ئالدى بىلەن ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇزنى يۇيۇپ بولۇپ ، ئىسپىرىت تەركىبى بولمىغان گىرىم سۇيۇقلۇقى بىلەن تېرىنى قايتا تازىلاپ ، تېرىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان كەچلىك تېرە ئاسراش مېيىنى سۈرتۈش لازىم .
3.ئوزۇقلۇقنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئوزۇقلىنىش جەھەتتە كۆكتات ، مېۋە–چېۋە ، بېلىق ، ئورۇق گۆش ، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، تاماكا ، ھاراقنى تاشلاش ، قېنىق چاي ئىچىشتىن ساقلىنىش ، شورپىنى كۆپرەك ئېچىش كېرەك.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|