|
1. باناندىن1–2 تال ئېلىپ ، ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل سۈرۈپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىپ ، ئارقىدىن ئىلمان قايناقسۇدىن بىر ئىستاكان ئىچىۋەتسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. 60 گرام سۈت پاراشوكىغا 200 مىللىلېتىر ئىلمان قايناقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە بىر قېتىمدىن بىر ھەپتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە شىپا قىلىدۇ.
3. بىر تال تۇخۇمنى 250 گرام سۈت بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
4. ياڭاق مېغىزى بىلەن قارا كۈنجۈتنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گرامدىن تەييارلاپ ، ئېزىپ ئوماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، ئاندىن ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
5. 250 گرام ياڭيۇنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|