|
1. بەل ئاغرىقى : بۇ خىل ئەھۋالدا قان بىلەن سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش ، تەركىبىدە ئاچچىق ۋە خۇشپۇراق ماددىلار بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ، كېسەللىك ئېغىر بولسا ياللۇغ قايتۇرۇش شۇنداقلا فېزىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالىنىش كېرەك.
2. ئاچچىقلىنىش ۋە دائىم يىغلاش : بۇ خىل ئەھۋالدا قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم.
3. باش قېيىش : بۇ خىل ئەھۋالدا قان بېسىمنى تەكشۈرتۈش كېرەك . ئۇندىن باشقا يېمەك–ئىچمەكنى تەڭشەش ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئۆزىگە پايدىلىق ھەرىكەتلەرنى تاللاپ چېنىقىش لازىم.
4. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز ئىششىپ ، كۆز ئەتراپىدا قارا دۈگىلەك پەيدا بولۇپ قېلىش: بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ھارغىنلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن . بۇ خىل ھالەتنى تېرە ئاقارتىش ياكى ئىششىق ياندۇرۇش مەلھىمى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . ئەگەر ئىششىق قايتا–قايتا كۆرۈلۈۋەرسە بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم.
5. كېچىلىرى پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش : بۇ ئاستا خارەكتىرلىك قان تومۇر زەئىپلىشىشنىڭ سېگنالى بولۇپ ، خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش ، ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم پۇتنى ئاسىراش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بېرىش لازىم.
6. دائىم پۇت–قوللىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش : بۇ كالىتسىي ۋە ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى شۇنداقلا جىگەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
7. كۆپ تەرلەش : بۇ قان تومۇر ، ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلىرىنىڭ قالايمىقانلىششىدىن كېلىپ چىققان ئالامەت بولۇپ ، ۋاقتىدا نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۇنۇش لازىم.
8. چاچ كۆپ چۈشۈش : روھى بېسىم ، سوزۇلما خارەكتېرلىك يۇقۇملىنىش ، يېمەك–ئىچمەكنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|