|
مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ ئۈچ ياشتىن بۇرۇنقى ئائىلە مۇھىتىنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن . بالىلار گەرچە چوڭلار ئوتتۇرسىدىكى تالاش – تارتىشنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنمىسىمۇ ، ئەمما بۇ خىل كەيپىياتتىن زور ئازاب ۋە ئارامسىزلىق ھېس قىلىدىكەن . ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق بالىلار پىسخولوگى شۇفاڭ فۇشىيۇڭ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ئەر–خوتۇن ھەمىشە جىدەل قىلىدىغان ئائىلىلەردىكى بالىلاردا تىلىنى چايناش ، ئورنىغا سىيىپ قويۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ ، بولۇپمۇ بالىلار ئىككى ياشقا كىرىپ تىلى يېڭىدىن چىققاندا بىلىدىغان سۆز جۇملىلىرى ناھايتى ئاز بولغاچقا ، كېكەچلەپ گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش تەس . مۇبادا مۇشۇ مەزگىلدە ئائىلىدە ئىناقسىزلىق كۆرۈلسە ، بالىنىڭ تىلىنى چايناپ گەپ قىلىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ›› .
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، بالىلارنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشىغا ئەر–خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئىناقسىزلىق ۋە ئەر–خوتۇننىڭ ئاز گەپ قىلىشى سەۋەپ بولىدىكەن . شۇڭا ئەر–خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا مېھىر–مۇھەببەت گۆدەك بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|