|

قارا مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە پېگمېنت ، ۋىتامىن ، كالىي ، ماگنىي ، مانگان ، فوسفور قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى باشقا مېۋىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ ، بۇ ماددىلارنىڭ ناھايتى كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيتى بار بولۇپ ، بەدەننىڭ قارشلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىئون تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا موھىم رول ئوينايدۇ.
قارا ئۈجمە : تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار . مېنىرال ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ باشقا مېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. دائىم قارا ئۈجمە يەپ بەرسە ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى ، قىزىل قان ھۆجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە سۆڭەك بوغۇملىرى قېتىشىشتىن ساقلانغىلى ھەمدە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
قارا ئۆرۈك : تەركىبىدە مول ۋىتامىن ، كالىي ، ماگنىي ، مانگان ، فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ھەمدە زور مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا بار . بۇ ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەي يولىغا كىرىۋالغان كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن ، يەنە ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئىشقارلىق ماددىغا ئايلىنىدۇ .ھازىرقى زامان دورا تەتقىقاتى ، قېنى ئىشقارلىق بولغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . شۇڭا تىبابەتتە قارا ئۆرۈك يەنە قېرىشقا قارشى تۇرۇش يېمەكلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
قارا ئۈزۈم : تەركىبىدە مول كالىتسىي ، كالىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ۋە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاس ، شۇنىڭدەك ھەر خىل ۋىتامىنلار بار . دائىم قارا ئۈزۈم يەپ بەرسە نېرۋىسى ئاجىزلاپ قالغان ، زىيادە چارچاپ كەتكەن كىشلەرگە كۆپ پايدىسى بولىدۇ .
قاراقات : قاراقات تەركىبىدە مول ۋىتامىن ، فوسفور ، ماگنىي ، كالىتسىي قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇزۈن مۇددەت قاراقات ئىستېمال قىلىپ بەرسە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ، قان ئازلىق ، سۇلۇق ئىششىق ، رېماتىزىم ۋە يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|