باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
يۇڭ گىلەمنى ئاسراش ئۇسۇلى
2008- 09- 22 16:55 شىنجاڭ گېزىتى

   1. يۇڭ گېلەم سېلىنغان ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا چوقۇم پالاز سېلىش ھەم گىلەمنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش لازىم.

   2. چاڭ - توزاننى چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازىلاپ تۇرۇش لازىم. چاڭ - توزان ۋە ئەخلەت گىلەمنىڭ يۇڭ تالالىرى ئارىسىغا كىرىۋالىدۇ، شۇڭا كۆرۈنۈشتە پاكىز كۆرۈنگەن گىلەملەرنىمۇ چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازىلاپ تۇرۇش لازىم.

   3. قەرەلسىز يۇيۇپ تۇرۇش لازىم. يۇيۇش ھۆلدەپ يۇيۇش ۋە قۇرۇق يۇيۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھۆلدەپ يۇغاندا سۈپىتى ياخشى، خۇسۇسىيىتى نېيترال (مۆتىدىل) كىر چىقارغۇ ئىشلىتىش كېرەك. ئىشقارلىق كىر چىقارغۇنى  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قۇرۇق يۇيۇشتا چاڭ - توزان سۈمۈرتۈلگەندىن كېيىن پاراشوكنى گىلەمگە چېچىپ، گىلەم تىۋىتىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن سۈمۈرگۈچ بىلەن سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش لازىم؛ قۇرۇق يۇغاندا چېچىلغان پاراشوك سوپۇننىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ھاجەتسىز، چۈنكى پاراشوك سوپۇن كېيىنكى چاغلاردىكى داغلارنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ.

   4. يۇڭ گىلەمنى كۆركەم پېتى ساقلاشتا گىلەمدىكى داغلارنى ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك، چۈنكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى داغلار، مەينەت نەرسىلەر گىلەمنىڭ تىۋىتىگە چاپلىشىپ كېتىدۇ - دە، ئۇنى چىقىرىش تەسكە توختايدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ