|
ئۆتىگە تاش چۈشكەن بىمارلار دورا بىلەن داۋالىنىشتىن سىرت يەنە ئىلمىي بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىمۇ يېتىلدۈرۈش ۋە يېمەك–ئىچمەك تازلىقىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .
ئۆتىگە تاش چۈشكەن بىمارلار كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر :
1.تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.مەسلەن ، يېشىل كۆكتات ، سەۋزە ، شوخلا ، ئالما ، بانان قاتارلىق كۆكتات - مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
2.ئادەتتە تاماق ئەتكەندە ئۆسۈملۈك يېغىنى ئىشلىتىش ، ھايۋانات يېغىنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3.ئورۇق گۆش ، بېلىق ، توخۇ ، لامىنارىيە ، ياڭاق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك .
4.ئەتىگەندە چوقۇم ناشتا قىلىش ، ئۇزاق ۋاقىت ئاچ يۈرمەسلىك كېرەك .
ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر:
1.ھايۋانات يېغى قاتارلىق تەركىبىدە خولېستېرىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .
2.تەركىبىدە ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .
3. تاماقنى زىيادە تويۇپ يېمەسلىك كېرەك . چۈنكى زىيادە تويۇپ غىزالانغاندا ئۆت سۇيۇقلۈقىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، نەتىجىدە ، بۇ ئاسانلا ئۆت ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . مەسلەن،قىزىلمۈچ ، كۆكمۈچ قاتارلىقلار.
5.تاماكا چەكمەسلىك،ھاراق ۋە قەھۋە قاتارلىق كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئىچمەسلىك كېرەك.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|