|
يېقىندا، بىر تۇغقىنىمنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ئالىي مەكتەپكە بارغانىدىم، تىزىملىتىدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ بولغاچقا، ساقلاشقا توغرا كەلدى. نۆۋەت كەلگىچە مەكتەپنىڭ ئەھۋالى، قائىدە – تۈزۈملىرى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات تاختىلىرىغا نەزەر سالدىم، شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ‹‹سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش›› توغرىسىدىكى تەشۋىقات تاختىسى دىققىتىمنى تارتتى. تەشۋىقات تاختىسىدا ستۇدېنتلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمەسلىك، سەمىمىي ئىمتىھان بېرىشى توغرىسىدىكى مەزمۇن تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۆتكەن مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قانداق چارە كۆرۈلگەنلىكىمۇ بار ئىكەن.
بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە، بىر ئوقۇغۇچىغا ئالدىنقى يىلى ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا كۆچۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپتۇ، ئۇ ئوقۇغۇچى كېيىنكى يىلى تەجرىبە – ساۋاقنى يەكۈنلىمەي مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا يەنە كۆچۈرگەنلىكتىن مەكتەپتىن ھەيدىلىپتۇ، كۆچۈرمىچىلىك قىلغان بەزى ئوقۇغۇچىلار بىر يىل سىناقتا قالدۇرۇلۇپتۇ. بۇلتۇر 7 – ئايدا ‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى››دىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا بىر سىنىپتىن تۆت ئوقۇغۇچى كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ، تارىخ كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى››نى بىلمەي كۆچۈرسە، بۇ ھەقىقەتەن كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش. كېيىن ھېلىقى تۇغقىنىمنىڭ ئېيتىشىچە، سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنىلا، ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى ئۇقتۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆچۈرمىچىلىكنىڭ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، قايتا – قايتا تولۇقلىما ئىمتىھان بېرىۋېرىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپتۇ.
ئالىي مەكتەپلەردە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان يېقىنلاشقاندا، ئوقۇغۇچىلار بىردەك ‹‹سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش ئەھدىنامىسى››گە قول قويىدۇ. لېكىن قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئىمتىھاننى سەمىمىيلىك بىلەن بېرىمەن، كۆچۈرمىچىلىك قىلمايمەن›› دېگەن ئەھدىنامىگە قول قويغان بىلەن، ئىمتىھاندا يەنە كۆچۈرىدۇ، سىنىپ مەسئۇلى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇن قىلغان نەسىھەتلىرى كار قىلمايدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىلىغا كەلگەندە ئىمتىھاندا كۆچۈرگەنلىكى ياكى تولۇقلىما ئىمتىھاننى كۆپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئومۇمىي نومۇرى توشماي، دىپلوم، باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن، مۇئەللىمدىن ئاغرىنىدۇ. ھازىر بەزى ستۇدېنتلار كۆز بويامچىلىق قىلىشقا، يالغان سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا – ئانىسىنى ئالداپ تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشنى باھانە قىلىپ پۇل ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ پۇللارنى ئۆزلىرى خەجلەيدۇ، كۆچۈرمىچىلىك، سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا شۇ يولدىن قايتمايدۇ.
ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى دېنىس ۋايىلىي: ناۋادا سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ۋاسىتە تاللاش بىھاجەت، دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز پەزىلەت، ئادىمىيلىكىڭىز ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ كەتمەيسىز. بىراق پەزىلەت بولمىسا، غۇرۇر بولمايدۇ، غۇرۇر بولمىسا، ياخشى ئۆزلۈك قىممىتى بولمايدۇ. نەتىجىدە ئەخلاق ۋە روھىڭىز ۋەيران بولىدۇ، نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ، دېگەنىدى.
ئۆز قىممىتىمنى يارىتىمەن، نەتىجە قازىنىمەن، ھۆرمەتكە ئېرىشىمەن دەيدىكەنمىز، بىزدە سەمىمىيلىك بولۇشى كېرەك، كۆز بويامچىلىق بىزنى ۋاقىتلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزگەن بىلەن، ھامان بىر كۈنى چېنىپ قالىمىز. سەمىمىيلىك، ياخشى پەزىلەت بىزنى رىقابەت دولقۇنلىرىدا شاللىنىپ كەتمەي، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ، شۇندىلا ئۈمىد قىرغاقلىرىغا بىمالال ئۇلىشىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز.
|