|
*قاندىكى خولېستىرىننى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن پېدىگەننى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك .
*توخو گۆشى شورپىسى ھەقىقەتەن ياللۇغ قايتۇرۇپ زۇكامنى داۋالايدۇ .
*ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن D3كەمچىل بولسا ئۇستىخان بوشىشىش كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ . ئاپتاپقا قاقلىنىش ، ئىنسانلارنىڭ ۋىتامىن D3 نى تولۇقلاشتىكى ئەڭ قەدىمىي ، ئەڭ راھەت ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ .
*مۇزىكا تەربىيىسى تۆت ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ .
*پاشا كاربون تۆت ئوكسىدنى ئەڭ كۆپ چىقىرىدىغان ئادەملەرنى بەك چاقىدۇ .
*ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغاندا باش قېيىش ئادەمنىڭ ئوڭ – سول قۇلاق تېشىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . قۇلاق تېشى قۇلاق دىۋارلىرىدىكى مويلارغا جايلاشقان بولۇپ ، ئادەتتە 100 تالدىن ئاشىدۇ .
*كۆپىنچە كىشلەر ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ ، ئوڭ قول ، جەينەك ، مۈرە قاتارلىق ئەزالار ئارقىلىق ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتىرىدۇ . دائىم ئوڭ قولنى ئىشلىتىپ سول قولىنى ئىشلەتمىسە ، بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . سول قولنى ئىشلىتىش ئوڭ قولدەك قولايلىق ئەمەس ، لېكىن سول قولنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرغاندا ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ .
‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››دىن ئېلىندى
|