باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىشى يېمەك – ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك
2008- 09- 16 10:45 شىنجاڭ گېزىتى

     كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىشىغا ۋىتامىن B، ۋىتامىن C لارنىڭ كەملىكىلا ئەمەس، كالتسىي، مىس، تۆمۈر، ماگنىي ۋە كالىي قاتارلىق مىنېرال ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكىمۇ سەۋەب بولىدۇ.

   ئاشلىق، ئورۇق گۆش، ياغ مىقدارى كۆپ بېلىق گۆشى، قاسراقلىق يېمەكلىكلەر ۋە تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ۋىتامىن B  تولۇقلىنىپ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ. قۇرۇق مېۋىلەر تەركىبىدە كالىي بىلەن تۆمۈر، كۆكتاتگۈل، كاۋا – قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن C، يازلىق يېسىۋىلەك تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي ۋە تۆمۈر كۆپ بولىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنسىمۇ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ.

   قەھۋە كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا، كەيپىيات ناچار بولىدۇ. يېمەكلىك ئەكس تەسىر قىلىدىغانلارنىڭ كەيپىياتى ھەمىشە ناچار بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھز تۇتۇپ، كەيپىياتىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقسا بولىدۇ.

ئەركىن تۇرسۇن تەييارلىغان 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ