|
ئابدۇقېييۇم مۇھەممەد
تەتقىقاتچىلار مۇنداق قارايدۇ: بەدەندىكى بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئەرلەرنىڭ قېرىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
1. كۆز. كۆز ئالمىسىنىڭ كرېستال تەنچىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قېلىنلايدۇ، ئەرلەر 50 ياشتىن ھالقىغاندا كۆزىنىڭ قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، كۆزنىڭ نۇر يىغىشى نورمالسىزلىنىدۇ.
2. چاچ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ چاچ تۈك خالتىلىرى ئازىيىپ، چاچ شالاڭلىشىدۇ، چاچنىڭ ئۆسۈشى تەدرىجىي ئاستىلايدۇ، ھەتتا چۈشۈپ كېتىپ، كىشى تاقىر باش بولۇپ قالىدۇ.
3. يۈرەك. ئەرلەر 20 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىن يۈرىكىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى سوقۇش رىتىمى ئازىيىپ بارىدۇ. كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندا، يىگىت يۈرىكىنىڭ ئەڭ تېز سوقۇشى 200 قېتىمغا يەتسە، 30 ياشقا كىرگەندە 140 قېتىمغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر ئون ياشتا ئون قېتىمدىن ئازىيىپ بارىدۇ.
4. قۇلاق. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ قۇلاق ناغرا پەردىسى قېلىنلاپ، قۇلاق يولى يىگىلەپ تارىيىپ، ئاۋاز، بولۇپمۇ يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋازنى پەرقلەندۈرەلمەس بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە روشەنلىشىپ بارىدۇ.
5. بەرداشچانلىق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قارىغاندا، 70 ياشلىق كىشىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى 20 ياشلىقنىڭكىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىكەن.
6. ئۆپكە. ئەرلەر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆكرەك قەپەز ئۇستىخانلىرى قېتىپ، ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلايدۇ، نەپەسلىنىشنى كونترول قىلىدىغان مۇسكۇللارغا چۈشىدىغان بېسىم ئېغىرلايدۇ، نەتىجىدە نەپەسلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ كېرەكسىز ماددىلار ئۆپكىگە تىنىپ قالىدۇ.
7. ياغ. 25 ~ 75 ياش ئارىلىقىدىكى ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ياغ توقۇلمىلىرى بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشىدۇ. بۇ ياغنىڭ كۆپ قىسمى مۇسكۇل ۋە ئىچكى ئەزالارغا يىغىلىپ قالىدۇ.
8. جىنسىي تۇرمۇش رىتىمى. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋەس قوزغىلىش قېتىمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىپ بارىدۇ. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، يىلىغا 25 ياشلىقلارنىڭ 104 قېتىم، 50 ياشلىقلارنىڭ 52 قېتىم، 70 ياشلىقلارنىڭ 22 قېتىم ئەتراپىدا قوزغىلىدىكەن.
9. مۇسكۇل ۋە ئۇستىخان. مۇسكۇل ياشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ تەدىرىجىي يىگىلەپ، ئاجىزلاپ، ئۇستىخان زەئىبلىشىپ بارىدۇ.
|