باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق
2008- 09- 16 10:43 شىنجاڭ گېزىتى

ئىلغار ساتتار

   كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى رېستورانلار ياۋايى ھايۋانلار گۆشىدىن قىلىنغان تائاملارنى خېرىدارلارنىڭ ئىشتىھاسىنى تارتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماقتا. بەزى ئىستېمالچىلار قارىغۇلارچە يۇقىرى ئىستېمالنى قوغلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ئالىي تائام پەيزىنى سۈرۈشنىڭ سىمۋولى ۋە بەدەن قۇۋۋەتلەشنىڭ بىر تۈرى، دەپ قارىماقتا. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتىن زەھەرلىنىش، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يۇقۇملۇق كېسەللەر داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.

   مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، پىرىماتلار، غاجىلىغۇچىلار، توشقانسىمانلار تۈركۈمى، تۇياقلىق ھايۋانلار، قۇشلار قاتارلىق كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئوخشاش گىرىپتار بولىدىغان كېسەل تۈرى ئون خىلدىن ئاشىدىكەن. مەسىلەن: غالجىر كېسىلى، تۇبېركۇليوز، چۇما، كۆيدۈرگە، A تىپلىق جىگەر يەللىكى قاتارلىقلار. كۆيدۈرگە يۇقتۇرۇۋالغان ئادەمنىڭ تېنىدە يىرىڭلىق جاراھەت ھاسىل بولۇپ، سۇلۇق ئىششىيدۇ، كېسەل ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئۆپكە، ئاشقازان، ئۈچەيلىرىگىچە سىڭىپ كىرەلەيدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق مايمۇن تۈرىدىن بولغان ماكاكا مايمۇنى(دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان)نىڭ بىر قىسمى B  ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق مايمۇن ئادەمنى تاتىلىۋالسا ياكى شالى چاچراپ كەتسىمۇ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. سارسنى ئېلىپ ئېيتساق، 2003 –  يىلى ئون دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ كېسەلنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىسى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن بىر خىلى ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىلگىرى ئىنسانلار تېنىدە بايقىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چۈنكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئادەتتە ھايۋانلار تېنىدە بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەيدىزمۇ ئەڭ دەسلەپ ئافرىقىدىكى پىرىماتلاردىن پەيدا بولغان.

   نۇرغۇن ھايۋان ئېلىپ يۈرىدىغان كېسەل ۋىرۇسلىرى ۋە پارازىت قۇرتلار، شۇ ھايۋانلارنىڭ مۇسكۇللىرى، قېنى، ئىچكى ئەزالىرىدا ھايات كەچۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ گۆشىنى قاينىتىپ، دۈملەپ، قورۇپ پىشۇرغان بىلەن بۇنداق ۋىرۇس، پارازىت قۇرتلار تەلتۆكۈس يوقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر گۆشى يېيىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە كېلىش مەنبەسى بىزگە نامەلۇم، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلەرنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرى تېخىمۇ كۆپ. شۇڭا نۇرغۇن كېسەل ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، توشۇش، بېقىش، ئۆلتۈرۈش، ساقلاش، گۆشىنى پىششىقلاش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانلىرىدا تارقىلىدۇ. بۇنداق كېسەللەر كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، يۇقۇملانغۇچىلار دىئاگنوز ئېنىق بولماسلىق ياكى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال ئوبيېكتى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.

   ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى قانۇن –  تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش، توشۇش، ئېلىپ  –  سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، شۇنداقلا ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئىشەنچلىك يېمەكلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ