باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
تاماقتىن كېيىن نېمىلەرنى قىلماسلىق كېرەك؟
2008- 09- 16 10:41 شىنجاڭ گېزىتى

   1. مېۋە يېمەسلىك كېرەك. تاماقتىن كېيىنلا مېۋە يېگەندە، ئۈچەيدىكى باكتېرىيە تەسىرىدە مېۋە تەركىبىدىكى بەزى ئورگانىك ماددىلار تاماق تەركىبىدىكى ماددىلار بىلەن مۇرەككەپ خىمىيىلىك رىئاكسىيىلىشىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   2. قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك. چاي تەركىبىدە تۆمۈر ۋە ئاقسىل ئاسان بىرىكىپ، ئادەم بەدىنى تەستە سۈمۈرىدىغان ماددىنى ھاسىل قىلىدىغان ئورگانىك كىسلاتالار بولغاچقا، ئادەم بەدىنى ۋاقتىدا تۆمۈر ۋە ئاقسىلغا ئېرىشەلمەي، ئاسانلا قان ئازلىق ۋە بەدەندە ئاقسىلنىڭ كەم بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

   3. تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ قان تومۇرىلىرىنى تارايتىش رولى بار، شۇڭا تاماقتىن كېيىنلا تاماكا چەككەندە، تاماكا ئىسىدىكى زىيانلىق تەركىبلەر ئاشقازاندىكى قان تومۇرىلىرىنى تارايتىۋېتىدۇ – دە، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   4. كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. تاماقتىن كېيىن كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە، ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئاشقازاندا سۈمۈرۈلۈشكە تېگىشلىك ماددىلار سۈمۈرۈلمەي تۇرۇپلا ئۈچەيگە ھەيدىۋېتىلىدۇ، كۆپ مىقداردىكى سۇ يەنە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈش رولى بولغاچقا، ئۇ بەك سۇيۇلۇپ كەتسە، بەزى باكتېرىيىلەر ئۆلمەي قېلىپ، ھەر خىل يەللىگلىنىشلەر كۆرۈلىدۇ.

   5. گازلىق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. گازلىق سۇ، بىر تەرەپتىن، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھانى تۆۋەنلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاشقازاندا كۆپ مىقداردا كاربون( VI ) ئوكسىدى ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ.

   6. ئېغىر ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك. ئېغىر ھەرىكەت، مەسىلەن: توپ ئويناش، يۈگۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، بەدەندىكى كۆپ قىسىم قان پۇت – قولغا كېتىپ، ئاشقازان، ئۈچەيگە كېلىدىغان قان ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئازىيىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماقتىن كېيىن ئاشقازان كېڭىيىدىغان بولغاچقا، ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا، ئاشقازان ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ھەم ئۈچەينىڭ ئالمىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   7. كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك. تاماقتىن كېيىنلا كىتاب كۆرگەندە، ئاشقازانغا كېلىدىغان قان ئازىيىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ كۆپۈشى، ئاغرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

   8. يۇيۇنماسلىق كېرەك. تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنغاندا، ئىسسىق سۇ تەسىرىدە تېرىگە تارقالغان قان تومۇرىلىرى كېڭىيىپ، ئاشقازانغا كېلىدىغان قان ئازىيىدۇ – دە، يېمەكلىك ۋاقتىدا ياخشى ھەزىم بولمايدۇ.  شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتتە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك.
  تۇرسۇنتاي تۇرغان تەييارلىغان    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ