|
دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ئوخشاشمايدىغان بولغاچقا، زەھەرلەش ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ، ئادەتتە دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلەنگەندە كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، نەپەس قىسىلىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، شۈك بولۇش، ھوشىدىن كېتىش، تارتىشىپ قېلىش، جىددىيلىشىش، تىت – تىت بولۇش، باش ئاغرىش، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن زەھەرلەنگەندە، ئالدى بىلەن، زەھەر مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ داۋاملىق ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاندىن زەھەرلەنگۈچىنىڭ قانداق دورا بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى ۋە دورا مىقدارىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.
بىرىنچى، تېرە ئارقىلىق زەھەرلىنىش: تېرە ئارقىلىق زەھەرلەنگەندە، بۇلغانغان كىيىم – كېچەكلەرنى دەررۇ سالدۇرۇۋېتىپ، زەھەرلەنگۈچىنى ئىسسىق سۇ ياكى سوپۇن سۈيى ۋە ياكى %4لىك ناترىي ھىدروكاربونات ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇندۇرۇش كېرەك. لېكىن دىفتېرىكىس بىلەن زەھەرلەنگەندە بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى دىفتېرىكىس ئىشقارغا يولۇققاندا زەھىرى يۇقىرى د د ۋ پ (دىخلورۋوش)غا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر دورا كۆزگە كىرىپ كەتكەن بولسا، كۆزنى دەرھال تۇز سۈيى بىلەن 20 قېتىمدىن ئارتۇق پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن پروكائىن ئېرىتمىىنى كۆزگە تېمىتىش، ئېغىرلىرىنى دەررۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
ئىككىنچى، نەپەس يولى ئارقىلىق زەھەرلىنىش: بۇنىڭدا زەھەرلەنگۈچىنى دەرھال نەق مەيداندىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھاۋاسى ساپ جايغا يۆتكەش ھەم كىيىم – كېچەكلىرىنى سالدۇرۇپ نەپەسلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەرلەنگۈچى يالغان چىش سالدۇرغان بولسا، يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىپ، زەھەرلەنگۈچىنى ئىسسىق ساقلاش، ئېغىر زەھەرلەنگەنلىرىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئېغىزدىن زەھەرلىنىش: بۇنداق زەھەرلىنىش ئۇزاق مۇددەت دېھقانچىلىق دورا قالدۇقى دۆلەت بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن كۆكتات، مېۋە ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا زەھەرلەنگۈچىنى قۇستۇرۇش، ئاشقازىنىنى يۇيۇش، ئىچىنى سۈردۈرۈش ياكى زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە قۇستۇرۇش ئاشقازاندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
(1) ئالدى بىلەن زەھەر – لەنگۈچىگە 200 –– 300 مىللىلىتىر سۇ ئىچكۈزۈپ، قولىمىزنى پاكىز يۇيۇپ، زەھەرلەنگۈچىنىڭ گېلىغا تىقىمىز ياكى چوكىنى زەھەرلەنگۈچىنىڭ گېلىغا تىقىپ قۇستۇرىمىز.
(2) قويۇق تۇز سۈيى، سوپۇن سۈيىنى زەھەرلەنگۈچىنىڭ ئېغىزىدىن قۇيۇپ قۇستۇرىمىز.
(3) كۆكتاشتىن ئۈچ گرام، قوغۇن – تاۋۇز ساپىقىدىن ئۈچ گرامنى ئېزىپ بىر قېتىم ئېچكۈزىمىز.
(4) ئارسىندىن زەھەرلەنگەن بولسا، قوينىڭ يېڭى قېنىنى زەھەرلەنگۈچىگە ئىچكۈزۈپ قۇستۇرسا بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قۇستۇرۇش ئۇسۇلىنى زەھەرلەنگۈچىنىڭ نېرۋىسى ئوچۇق ۋاقتىدا قوللىنىش، قۇستۇرۇش بۇيۇملىرى زەھەرلەنگۈچىنىڭ نەپەس يولىدىن كىرىپ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زەھەرلەنگۈچى ھوشىدىن كەتكەن بولسا بۇ ئۇسۇلنى قوللانماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، زەھەرلەنگۈچى قۇسقان نەرسىلەردىن ئەۋرىشكە قالدۇرۇپ تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىش كېرەك.
تۆتىنچى، زەھەرلەنگۈچىنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيۇش: بۇ ئۇسۇل ئادەتتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىنىدۇ. زەھەرلەنگۈچى قۇستۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى ئىمكانقەدەر تېز، ئۈزۈل – كېسىل يۇيۇش كېرەك. بۇ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قالدۇقىنى ئازايتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. زەھەرلەنگۈچىنىڭ يالغان چىشى بولسا، ئاشقازاننى يۇيۇشتىن ئىلگىرى يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىش، ئوخشاش بولمىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان ئاشقازان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: زەھەرلەنگۈچى ھوشىدىن كەتمىگەن بولسا، ئاشقازان تازىلاش دورىسىنى ئۆزى ئىچىشى، ھوشىدىن كەتكەن بولسا، نەپەسلىنىش يولىغا نەيچە تىقىپ نەپەسلەندۈرۈش، ئاشقازىنىدىكى نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. نەپەس توختاپ قالغان بولسا، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش، زەھەرلەنگۈچى تارتىشىپ قالغان بولسا، ئۇنى كونترول قىلىش، ئاندىن ئاشقازىنىنى داۋاملىق يۇيۇش كېرەك. لېكىن چىرىتكۈچى دورىلار بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ. زەھەرلەنگۈچى قۇستۇرۇلغاندىن كېيىن تۇخۇم ئېقى ۋە ئاليۇمىن ھىدروكسىد يىلىمى، كالا سۈتى قاتارلىقلارنى ئىچكۈزسە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداشقا پايدىسى بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئېغىر زەھەرلەنگەنلەرنىڭ ئاشقازىنىغا ئاشقازان تازىلاش نەيچىسى سېلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدا قورساقنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئاشقازاندىكى ئاقمىنى ئېلىۋېتىش كېرەك.
بەشىنچى، زەھەرلەنگۈچىنىڭ ئىچىنى سۈردۈرۈش: بۇ ئۇسۇل دوختۇرخانىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىنىدۇ. ئۈچەيدىكى زەھەرلىك ماددىلار بۇ ئۇسۇل بىلەن تازىلىنىدۇ. سۈرگە دورىسىغا، ئادەتتە، ماي تۈرىدىكى سۈرگە دورىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، بولۇپمۇ بېنزولىننى ئېرىتكۈچى دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلەنگەنلەرگە ماي تۈرىدىكى سۈرگە دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئىچىنى سۈردۈرۈشكە ناترىي سولفات ياكى ماگنىي سولفاتنىڭ 30 گرامىغا 200 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ بىر قېتىم ئىچكۈزۈپ، ئاندىن سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈپ ئىچىنى سۈردۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن زەھەرلىنىپ نەپەسلىنىشى قىيىنلاشقان بولسا، ماگنىي ئىئونىنىڭ كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈلۈپ نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ماگنىي سولفات ئىشلىتىپ ئىچىنى سۈردۈرۈشكە بولمايدۇ. سنىك فوسفىدتىن زەھەرلەنگەندىمۇ ماگنىي سولفاتنى ئىشلىتىپ ئىچىنى سۈردۈرۈشكە بولمايدۇ.
|