|
تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر كۈز پەسلىدە كىشىلەرنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ:
*قوي گۆشى : قوي گۆشى قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، قەۋزىيەتنى ياخشلايدۇ، شۇنداقلا ئورۇقلىتىش رولىغا ئىگە.
* كاۋا : كاۋىنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بار، كۈز پەسلىدە كاۋا ئىستېمال قىلغاندا تەننى قۇۋەتلەيدۇ ھەم تېز ئورۇقلىتىدۇ. موگو، توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
*قۇش تۇخۇمى : قۇش تۇخۇمىنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىن B2نىڭ ماينى سېرىش رولى بار بولۇپ، ئۇ توپلىغان نىكوتىن كىسلاتاسى بىلەن ۋىتامىن B1 ئادەم تېنىدىكى ماينى سېرىپ تېز ئورۇقلىتىدۇ.
*قىزىل دېڭىز يۇسۇنى : قىزىل دېڭىز يوسۇنى تەركىۋىدە ۋىتامىن A,B1,B2 بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭدىكى سىلىلوزا بىلەن مېنىرال ماددا ئادەم تېنىگە سۇ تولۇقلاپ تېز ئورۇقلىتىدۇ.
*بانان : باناننىڭ تەركىۋىدە مول كالىي بار بولۇپ، قورساق ئاسان تويىدۇ، ماي تەركىۋى تۆۋەن، ماينىڭ يىغىلىۋېلىشىنى توسىدۇ، شۇڭا بانان–ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھېساپلىنىدۇ.
* ئالما : ئالما تەركىۋىدە ئالما كىسلاتاسى بار بولۇپ، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ماينى ئازايتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق مىقتارى يۇقىرى بولۇپ ئاسان ئورۇقلىتىدۇ.
* قىزىل پۇرچاق : قىزىل پۇرچاق تەركىۋىدە نىكوتىن كىسلاتاسى بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە مايلارنى سېرىپ تېز ئورۇقلىتىدۇ.
* چاي : تاماقتىن كېيىن چاي ئىچكەندە بەدەندىكى ماينى ئازايتىپ ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
|