باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش لازىم
2008- 09- 12 15:32 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئامېرىكا تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قان تومۇرلاردا توسۇلۇش پەيدا بولسا، بىر سائەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى، يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ياكى ئۇلارغا قارىغۇچىلارنىڭ بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى ئىگىلىۋېلىشى مۇھىملىقىنى، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە دەرھال دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ جىددىي قۇتقۇزۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : نۇرغۇن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ، دورا ئىچىشنى توختىتىپ قويىدۇ، شۇنداقلا يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىگىمۇ دىققەت قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ . يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى : كۆكرەك سىقىلىش ، نەپەس قىيىنلىشىش ، كۆكرەك ، بويۇن ، دۈمبە ، مۈرە ، ئىڭەك ھەتتا ئاشقازان قاتارلىق ئەزالاردا بىئاراملىق كۆرۈلىدۇ . يەنە بەزى كىشىلەردە ياندۇرۇش، سوغۇق تەرلەش، لەۋ، پۇت– قوللار كۆكۈرۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر: يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىغا بۇنداق ئالامەتلەرگە سەل قارىماسلىق لازىملىقىنى، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ پۇرسىتىنى ھەرگىز  ئۆتكۈزىۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ