باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئىشلىتىلمىگەن كرېدىت كارتىسىنىڭ شەخسلەر ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ
2008- 09- 12 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

      جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىناۋەت باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بانكا كارتىسى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىلمىسە، بۇ كارتىلاردىن ھەق ئېلىنىپلا قالماي، يەنە شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

     ھەر بىر بانكا كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان شۇ مىنۇتتىن باشلاپ بانكا كارتىسى ئىسچوتى ئېچىلىدۇ، بانكا ئادەتتە بانكا كارتىسىدىن يىللىق ھەق ئالىدۇ. ئەگەر كارتا ئىگىسى يىللىق ھەقنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى دەپ قارىلىدۇ. بەزى بانكىلاردا بېجىرىلگەن كارتا ئىشلىتىلىش – ئىشلىتىلمەسلىكتىن قەتئىينەزەر، بەلگىلىمە بويىچە يىللىق ھەق ئېلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. يىللىق ھەق تاپشۇرۇلمىسا، شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىدا مۇددەتتىن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىك ئىناۋەت خاتىرىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ خاتىرە شەكىللىنىپ قالسىلا، كارتا ئىگىسىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى گۇمانغا ئۇچرايدۇ، بانكىمۇ كرېدىت پائالىيىتىدە قەرز پۇل ئالىدىغان بۇ تۈردىكى ئوبيېكتلارنى چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

     خىزمەتچى خادىملار يىللىق ھەق تاپشۇرماي، بانكىنىڭ ‹‹سوغۇق مۇئامىلىسى››گە ئۇچرىغانلار ئاپتونوم رايونىمىزدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. كۆپچىلىكنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ قۇلايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئىشلەتمەيدىغان كارتىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىقىنى، ئىشلەتمەيدىغان بانكا كارتىسىنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇردى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ