باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ
2008- 09- 11 17:22 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئىلمىي ئوزۇقلانغاندا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇن كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ، دورىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان ئەكس تەسىرىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

     ۋىتامىن A بىلەن سېلىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارىشى تۇرۇش، بەدەننىڭ ئىممونىتىت ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولى بار. بۇ ئىككى خىل ئوزۇقلۇق ئېلمېنتى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەندە، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللەتكىلى، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

      ۋىتامىن C بىلەن مىس تەركىۋى مول ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ۋىتامىن Cنى ئىستېمال قىلغاندا يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇھىمى شۇكى، مىس ئېلىمېنتى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئاكتىپ توپلىشىپ، ۋىتامىن Cنى ھۇجۇم نىشانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋىتامىن C يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسىنى نەق مەيداندىلا ئۆلتۈرىدۇ.  يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان مەزگىلدە، مەلۇم مىقتاردا ۋىتامىن C  ئىچكەندىن سىرت، يەنە مىس تەركىۋى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر، يەنى ھايۋانات جىگىرى، كۈنجۈت، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

     پالەك ۋە سەۋزىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ھەر كۈنى مەلۇم مىقتاردا پالەك بىلەن سەۋزە يەپ بەرگەندە، سەكتىنىڭ خەۋىپىنى روشەن تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى بېتا كاروتېننىڭ پايدىسىدۇر. ئۇ ۋىتامىن Aغا ئۆزگىرىپ، خولېستېرولنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا توپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېڭە قان تومۇرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلايدۇ.

     ئالما، غول پىياز بىلەن چاي يوپۇرمىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. فىنلاندىيە تىببىي ئىلىم تەتقىقات خادىملىرى ئالما، غول پىياز، چاي يوپۇرمىقى يۈرەكنى ئاسراپ، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدە كۆپ مىقتاردا فىلاۋون قاتارلىق تەبىئىي خىمىيەۋى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئېلىمېنتلار بار. ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئومۇمەن كۈنىگە 4 ئىستاكاندىن ئارتۇق چاي ئىچىدىغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %45 ئازىيىدىكەن. كۈنىگە بىردىن ئارتۇق ئالما يېگەندە، بۇ خەۋپنى %50 ئازايتقىلى بولىدىكەن.

    پۇرچاق بىلەن يېسىۋېلەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. پۇرچاق تەركىۋىدىكى ئۆسۈملۈك تىپىدىكى ئانىلىق ھورمون بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننىڭ پەيدا بولىشىنى چەكلەيدۇ، ئانىلىق ھورموننىڭ زىيادە كۆپ بولىشى سۈت بەز راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى. تەجرىبىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، دائىم پۇرچاق تالقىنى يەپ بېرىدىغان بىر گۇرۇپپا چاشقاننىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېمەيدىغان چاشقانغا قارىغاندا %70 تۆۋەن بولغان. ئۇنىڭدىن سىرت يېسسىۋېلەك تەركىۋىدە ئىندول 3- مېتىل ئالكوگول دەيدىغان بىرىكمە بار بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى مۇھىم بىر خىل ئېنزىمنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، زىيادە كۆپ ئانىلىق ھورموننىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   دۇفۇ بىلەن بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر كالتسىي كەم بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۇفۇ بىلەن بېلىقنى بىللە پىشۇرغاندا، تەمى مىززىلىك بولۇپلا قالماي، كالتسىي كەملىكتىن بولىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش، بالىلاردىكى راخت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دۇفۇ تەركىۋىدە كۆپ مىقتاردا كالتسىي ئېلىمېنتى بار بولۇپ، ناۋادا پەقەت دۇفۇنىلا يەپ بەرگەندە، بەدەننىڭ كالتسىينى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن تەركىۋىدە ۋىتامىن D بولغان بېلىق تۈرىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە، كالتسىينىڭ قۇبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

    كۈنجۈت بىلەن دېڭىز يوسۇنى قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ. كۈنجۈت قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، دېڭىز يوسۇنىدا مول كالتسىي ۋە يود بار بولۇپ، قاننى تازىلاپ، قالقانسىمان بەز ھورمونىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىككىسىنى بىرگە ئىستېمال قىلغاندا، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، گۈزەللىكنى ساقلاش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

   مايلىق يېمەكلىك، كۆكتات، پۇرچاقنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىش سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىر يېمەكلىك رىسالىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، بۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا، كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ رىسالىنىڭ لايىھەسى مۇنداق: سۈت ياكى قېلىن توغرالغان كالا گۆشى قاتارلىق مايلىق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئۇن، گۈرۈچ، ياڭيۇ بىلەن ماسلاشتۇرماستىن، تاللاسى كۆپرەك بولغان كۆكتات ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. چۈنكى بىر تۈرلۈك يېمەكلىكتىكى خىمىيەۋى ئېلىمېنتلار بەزى يېمەكلىكلەردىكى خىمىيەۋى ئېلىمېنتلار بىلەن ئۇچىراشقاندا ئاجىزلىشىدۇ-دە، بەدەندە ماي ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن يەنە بەزى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچىراشقاندا خىمىيەۋى تەركىۋى كۈچىيىپ، ماي ھاسىل قىلمايلا قالماي، ئەكسىچە بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ