|
1 . دېرىزىسى شەرق ياكى غەربكە قارايدىغان ئۆيلەرگە قۇياش نۇرىغا چىداملىق جابدۇقلارنى قۇيۇڭ ؛
2 . پار بار جاي ياكى پارنىڭ ئۈستىگە جابدۇقلارنى ياسىماڭ ياكى شەكىل چىقارماڭ ؛
3 . ئەگەر شارائىت يار بەرسە پول ئاستىغا ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىڭ ، بۇ خىل چارىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىستىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا بەك تېجەشلىك ؛
4 . كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا ھازىرقى تۆمۈردىن ياسالغان دېرىزە ياكى ئىشىك كىشىكلىرىنى ئارىلاشما مېتال ياكى ياغاچقا ئالماشتۇرىۋېتىڭ ؛
5 . قىش پەسلىدە ئىشىك ۋە دېرىزە يۇچۇقلىرىغا چاپلىما پۇرۇچ تىقىڭ ، بۇنداق بولغاندا ئۆيگە سوغۇق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؛
6 . پاراۋاي تاختىسىنىڭ ئارقىسىغا ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك تاختاي مىخلاڭ ؛
7 . دېرىزە ئەينەكلىرىگە ئىسسىقلىق ئايرىش پەردىسىنى چاپلاڭ؛
8 . ئۆيىڭىزدىكى چىراقلارنى مۇۋاپىق شەكىلگە ئىگە قىلىپ لەيىھىلەڭ ، چۈنكى يۇرۇتۇش بۇلۇڭىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە لايىھىلىنىشى ئېنېرگىيە تېجەشكە پايدىلىق ؛
9 . توك يولى يۆلىنىشىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا لايىھىلەڭ ، توك چاتقۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇڭ ، يۆتكىلىشچان توك چاتقۇچنى ئاز ئىشلىتىڭ ؛
10 . توك مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان توك چاتقۇلارغا ئامال بار ۋىكليۇچاتېل ئورنىتىڭ ؛
11 . سۇ يولى تۇرۇبىسىنىڭ يولىنى مۇۋاپىق لايىھىلەڭ ، سۇ ئىسسىتىش ئەسلىھەسى بىلەن سۇ چىقىرىش ئورنىنىڭ ئارقىلىقنى ئامال بار قىسقارتىڭ ؛
12.ئاشخانا ئۆينى لايىھىلىگەندە ، سۇ تۇرۇبىسىنى قوش يۆنىلىشلىك قىلىش تاق يۆنىلىشلىك قىلغاندىن مىڭ ياخشى ؛
13.ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن لايىھىلەش مۇھىت ئاسرايدىغان ئۆيگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ، شۇڭا ھەشەمەتلىك ، لېكىن كارغا كەلمەيدىغان بېزەش ئۇسۇلىدىن يىراق تۇرۇڭ .
مۇسەۋىر تەرجىمىسى
|